گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى ۋە نامايىشلارغا قارىتا باھالىرى
2022.11.28

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغان نامايىشلار توغرىسىدا ھەرخىل باھالارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتايدا پەيدا بولغان قوزغىلىشلار توغرىسىدا گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ۋە باھالار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 28-نويابىر ئېلان قىلغان «گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاخبارات ئوبزورلىرى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان كۆپلىگەن گېزىت ۋە ژۇرناللار بۇ ۋەقەگە قارىتا باھا بېرىپ ئۆتكەن.
«يېڭى ئوسنابرۈكېر گېزىتى» مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «بەزىدە كىچىككىنە بىر ھادىسە، غايەت زور ۋەقەلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالىدۇ. 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئائىلىلىكلەر بىناسىدىكى ئوت ئاپىتى مىليونلىغان خىتايلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتىغا قارىتا غەزەپ-نەپرەتلىرىنىڭ پارتلىشىغا يول ئاچتى، بۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىر ھادىسىدۇر. ئەمەلىيەت، ئىنسانلارنىڭ بۈيۈك چەكلىمىلەرنى ھېچ قارشىلىقسىز قوبۇل قىلىشىنىڭ بىر ئەپسانە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئەمما مېڭە يۇيۇش يەنىلا داۋام قىلماقتا. بارغانسېرى كۆپلىگەن ئىنسانلار ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ نۆۋەتتە پەيدا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي خەۋپلىرىنىڭ ئېرىشىۋاتقان مەنپەئەتنى بېسىپ چۈشىۋاتقانلىقىنى چۇڭقۇر تونۇپ يەتمەكتە. ئەلۋەتتە، كىشىلەر ئاسانلا ‹ھازىر خىتايلار بۇ مۇستەبىت دۆلەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغان ياخشى بىر ھۆكۈمەت بەرپا قىلسىكەن› دەپ ئويلايدۇ. بۇنىڭدىن يالغۇز ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر تەيۋەنلىكلەرلا شاتلانمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ دۆلەتنىڭ قالايمىقانچىلىقلاردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن باسىدىغان مۇساپىسى ئۇزۇن.»
خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان نامايىشلارنىڭ كۆلىمىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ نامايىش يەنىمۇ ئۇلغىيىپ پۈتۈن خىتاي تەۋەسىگە تارالغان تەقدىردە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
«لايپسىگ گېزىتى» ئۈرۈمچىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك قامال ۋە بۇنىڭغا قارىتا قوزغالغان قارشىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «بۇ قارشىلىقلار يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيانقى ئۈمىدسىزلىكلەرنىڭ جۇغلىنىپ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بەردى. بۇ نارازىلىقلار تاسادىپىيلىقنىڭ ئەمەس، بەلكى ھازىرغىچە توپلانغان نۇرغۇنلىغان پاجىئەلەرنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دەرىجىدىن تاشقىرى قامال كەلتۈرۈپ چىقاردى.»
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىدە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «نامايىشنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى خىتاي رەھبىرىنى قورقۇتۇشى ۋە ساراسىمىگە سېلىشى مۇمكىن. 1989-يىلىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتتىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ كوچىلارغا تۆكۈلۈپ، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان ۋەقەلەر بولۇپ باقمىغان ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ھازىرچە بالدۇر بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋەقەلەر شى جىنپىڭ ئۈچۈن يېڭى بىر ئىمتىھاندۇر.»
خىتايدىكى بۇ نامايىشلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە قايتىدىن ئېلىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، شى جىنپىڭ خىتايدا يولغا قويۇۋاتقان ‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› يولىدىكى قامال سىياسىتىنىڭ مەلۇم مەنىدىن جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىقلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بۇ پارتىيە يېڭىدىن دىگىتال مۇستەبىتلىك سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى، بۇ ئەجەللىك بىر رەقىپتۇر. شۇنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇكى، بۇ پارتىيە نارازىلىق ھەرىكەتلەرىگە باش بولغان، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغان قەھرىمانلارنى تۇتۇپ سولايدۇ. بەلكىم بۇ ھەرىكەتلەر تېزدىن بېسىقتۇرۇلۇشى مۇمكىن. ساقچىلار رەھىمسىزلىك قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بىر نەرسىدىن خالىي بولۇش مۇمكىن ئەمەس، يەنى بۇ دۇنيا كومپارتىيە ئىمپىرىيەسىدە نېمىلەرنىڭ قايناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.»