گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى 29-نويابىر ئېلان قىلغان «بىر ۋاراق ئاق قەغەز، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرنى ھەممە ئادەم ئوقۇيالايدۇ» ناملىق ماقالە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن: «2022-يىلى 24-نويابىر ئۈرۈمچىنىڭ جىشاڭيۈەن رايونىدىكى ئېگىز بىناغا ئوت كېتىپ ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى. بۇ چاغ، پۈتۈن شەھەر ئاتالمىش يۇقۇمدىن مۇداپىيە كۆرۈش مەقسىتىدە قامالغا ئېلىنغىلى يۈز نەچچە كۈن بولغان بىر مەزگىل ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىرلەر قېچىش يوللىرىنى تاقاش، قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى توسۇش بولغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان گۈلباھار ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئۈندىدار ئارقىلىق ‹ئوت بارغانسىرى ئۇلغۇيىۋاتىدۇ، نەپەس ئالماق بەكلا تەسلىشىۋاتىدۇ، ئىشىكلەر سىرتتىن تاقىۋېتىلگەن، بىز سىرتقا چىقالمايۋاتىمىز، مەن ئەمدى باشقا ھېچنەرسە تەلەپ قىلمايمەن، مەن پەقەت بۇيەردە نېمە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈشنى خالايمەن …› دەيدۇ. بۇ تراگېدىيەلىك خەۋەر خۇددى ئاشۇ ئوتقا ئوخشاشلا كېڭىيىپ خىتايدىكى پۈتۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قاپلىدى.»
ماقالىدە بۇ ئوت ئاپىتىنىڭ خىتاينىڭ 20 گە يېقىن چوڭ شەھىرىدە قامالغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوزغىغانلىقى ۋە نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئاق قەغەز ھەرىكىتىنى باشلاپ 50 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپلەردە نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە باشلامچى بولغانلىقى، بۇنىڭ بىر ۋاراق ئاق قەغەز ئەمەس، بەلكى بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئىكەنلىكى، بۇ كىتابقا «سەن مېنىڭ سۆزلىشىمنى چەكلىدىڭ!» دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ماقالىدە نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ نامايىش مەيدانىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا: «مەن بىر شىنجاڭلىق، ئەمەلىيەتتە مەن بەكلا قورقۇۋاتىمەن. ئەمما مەن ھازىر ۋەتىنىم ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى قېيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن ئۈنلۈك ئاۋازدا خىتاپ قىلماقچى. مەن ئۆلگەنلەرگە ئامانلىق، تىركلەرگە ئەركىنلىك تىلەيمەن!» دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، 25-نويابىر ئۈرۈمچىدە باشلانغان نامايىشنىڭ تېز سۈرئەتتە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يامرىشىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار زور رول ئوينىغان. خىتاي ھاكىمىيىتى پۈتۈن دۆلەت تەۋەسىدە ئالىقاچان يۈكسەك دىگىتاللىق نازارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ بولغان، «تىپىك ساقچى دۆلىتى» قۇرۇپ بولغان، بۇ قېتىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىگە ۋە ھەر يەرلەردىكى نامايىشلارغا مۇنسىۋەتلىك پۈتۈن ئۇچۇرلارنى توختىماي ئۆچۈرۈپ تۇرغان بولسىمۇ، خەۋەرلەرنىڭ مەملىكەت مىقياسىغا تارقىلىشىنى، ھەتتا بەزى ياشلارنىڭ تام ئاتلاپ چەت ئەللەرگە قەدەر ئۇچۇر يوللىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. قانچە يۈزلىگەن ئۈن، سىن، سۈرەتلەر خەلقئاراغا تارقىلىپ، دۇنيانىڭ نەزەرىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرگەن. ئەمەلىيەت، ھەرقانچە مۇكەممەل نازارەتنىڭمۇ 1 مىليارد 400 مىليون ئىنساننى تىزگىنلەشكە قادىر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان.
«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك خىتايدىكى قوزغىلىشلارغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. لاگىر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىقمۇ ئۈندىدار قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئاۋسترىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «تارازا» ژۇرنىلى 30-نويابىر ئېلان قىلغان «خىتاي رېجىمى تىزگىنلەش ۋە باستۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، نامايىش چەكلەنگەن خىتايدا ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، يەر مۇسادىرە مەسىلىسى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان قارشىلىقلار ياكى باشقا ئېنىق تېمىدىكى ئىجتىمائىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە خىتاي ھاكىمىيىتى ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىكەن. ئەمما قارشىلىقلار تورلاشقاندا، توردا سەپەرۋەرلىك چۇقانلىرى كۆتۈرۈلگەندە، مەسىلە ھاكىمىيەتكە تاقاشقاندا بېيجىڭنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ كېتىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن كېلىپ چىققان نارازىلىقلار دەل خىتاي ھاكىمىيىتىنى نىشان قىلغان ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 28-نويابىر بۇ قېتىمقى ھەرىكەتلەرنى «دۈشمەن ئۇنسۇرلارنىڭ توپىلىڭى» دەپ ئاتاپ، باستۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان.
دەرۋەقە، 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىگە نەزەرىنى ئاغدۇرغان چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئانالىزچىلار بۇ ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان خىتايدىكى ئىستىخىيەلىك قوزغىلىشلاردا كىشىلەرنىڭ غەزەپلىرىنىڭ تىغ ئۇچىنى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيەگە قاراتقانلىقىنى «ۋەقەنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى» دەپ باھالاشقان ئىدى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، 2015-يىلىدىن بۇيان خىتايدا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھېچقاچان «شى جىنپىڭ تەختتىن چۈش!»، «كوممۇنىستىك پارتىيە تەختتىن چۈش!» دەيدىغان شۇئارلار توۋلىنىپ باقمىغان ئىكەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتايدا كۆتۈرۈلگەن نامايىشلارغا تۈرتكە بولغانلىق مەسىلىسى ھەققىدە گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.