24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە ئېچىنىشلىق ئەھۋاللاردىن بىرى سۈپىتىدە، پاجىئەدە جان ئۈزگەن قەمەرنىسانىڭ يولدىشى مەمەتئەلى مەتنىياز ۋە چوڭ ئوغلى ئىلياس مەمەتئەلىلەرنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغانىدى. خىتاي تەرەپ يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخبارات ئورۇنلىرى مەزكۇر ئائىلىنىڭ تۈركىيەدە پەرزەنتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئاتا-بالىنىڭ كېرىيە ۋە ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى.
خىتاي دائىرىلىرى 24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى ھەققىدىكى ئاخبارات باياناتىدا، ئوت كەتكەن بىنادىكىلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ مەزكۇر پاجىئەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن قەمەرنىسانىڭ تۈركىيەدىكى ئىككى پەرزەنتى بولسا ئوت كەتكەن بىنادا ئىشىكلەرنىڭ تاقاق ئىكەنلىكى، دادىسى مەمەتئەلى مەتنىياز بىلەن ئاكىسى ئىلياس مەمەتئەلىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مەزكۇر پاجىئەنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانىدى. قەمەرنىسانىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى-نۆۋەتتە شۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇلھېپىز مەمتىمىنمۇ قەمەرنىسانىڭ يولدىشى ۋە چوڭ ئوغلىدىن باشقا دادىسى ۋە ئىككى ئاكىسىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
دېيىلىشىچە، قەمەرنىسا ئائىلىسى ئەسلىدە خوتەننىڭ ئىلچى يېزىسىدىن بولۇپ، كېيىنچە ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەنىكەن.
ئۈرۈمچىنىڭ ئۆت كەتكەن بىنا تەۋەلىكىدىكى غالىبىيەت ساقچىخانىسى، قەمەرنىسانىڭ يولدىشى ۋە چوڭ ئوغلى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئاندىن بىز خوتەن شەھەر ئىچىدىكى نۇرباغ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ ساقچىخانا خادىمى ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، بۇ ھەقتە يىغىنلار ئېچىلغانلىقى ۋە ئوت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئابدۇلھېپىزنىڭ دېيىشىچە، مەمەتئەلى چەتئەلگە چىققان ۋاقىتلىرىدىلا ساقچىلار تەرىپىدىن سۈرۈشتە قىلىنغان ۋە ئوغلى ئىلياس ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ سوراق قىلىنغان، 2017-يىلىغا كەلگەندە، مەتنىياز بىلەن ئىلياس مەمەتئەلى 10 ۋە 12 يىللىقتىن كېسىلگەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلدىن كېيىنكى چوڭ تۇتقۇندا، تۇتقۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇرۇۋاتقان يېرىدىكى ئەمەس، ئەسلى يۇرتىدىكى ساقچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. خوتەن شەھەر ئىچىدىكى ساقچى خادىملىرىمۇ، ئايال-بالىلىرى ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن قەمەرنىسانىڭ يولدىشى ۋە ئوغلىنىڭ قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكىدىن ئىلچىدىكى ئالاقىدار ساقچى ۋە ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلچىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى، مەمەتئەلى مەتنىيازنىڭ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە كېرىيە تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئابدۇلھىپىز مەمتىمىن، مەزكۇر دادا بالىنىڭ جازا مۇددىتىنى ئاقسۇدىكى بىر بىڭتۇەن تۈرمىسىدە ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە جەمئىيەتتىن ئۇچۇر ئالغان. ئەمما مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، مەمەتئەلىنىڭ كېرىيە تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئوغلى ئىلياسنى ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە دەپ ئاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئابدۇلھېپىزنىڭ دېيىشىچە مەمەتئەلى مەتنىياز ئۆزىنى ساغلام ۋە ياراملىق ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشكە بېغىشلىغان بىر دادا ئىكەن. شۇڭا ئۇ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىىتى قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان چاغلاردا ئېغىر ئىقتىسادىي جەرىمانىلەرنى تۆلەش ۋە بەزىدە نوپۇس يۆتكەش ئارقىلىق، ئايالىنى بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتىسىيەلىرىدىن قوغداپ قالغان ۋە 10 بالىنى قاتارغا قاتقانىكەن.
ئۇ قاش تېشى سودىسى بىلەن قەد كۆتۈرگەن تىجارەتچىلەردىن بولۇپ، ئۇ مەبلىغىنىڭ زور بىر قىسمىنى پەرزەنتلىرىنىڭ مائارىپ تەربىيەسىگە سەرپ قىلغان. ئۇ بىر پەرزەنتىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئېلىپ چىقىپ ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئارقىدىن ئىككى پەرزەنتىنى مىسىردا ئوقۇشقا يولغا سالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن بۇ تىرىشچانلىقلىرى 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن جىنايەت دەپ قارالغان. مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، مەمەتئەلى مەتنىيازنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە سەزگۈر دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق بىرقانچە ئاتالمىش جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى دەلىللىدى.
يۇقىرىدا، 24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان قەمەرنىسانىڭ يولدىشى ۋە چوڭ ئوغلىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكى توغرۇلۇق ئاڭلىتىش بەردۇق.