تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان: «ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر تۈرك-ئىسلام شەھرىدۇر»

0:00 / 0:00

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 3-ئىيۇن كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ بارغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈپ، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن خاقان فىدان، تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شەھىرى بولغان ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار، مەن ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرنى زىيارەت قىلماقچىمەن، بۇ ئىككى شەھەر خىتاينىڭ مەدەنىي بايلىقلىرىغا تۆھپە قوشقان ئىككى قەدىمىي تۈرك ۋە ئىسلام شەھىرىدۇر. خىتاي بىلەن تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناۋاتقان بۇ شەھەرلەر تارىخىي دوستلۇقىمىز ۋە قوشنىدارچىلىقىمىزنىڭ سىمۋوللىرىدۇر».

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان(سولدىن ئۈچىنچى) ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتتە. 2024-يىلى 5-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان(سولدىن ئۈچىنچى) ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتتە. 2024-يىلى 5-ئىيۇن، ئۈرۈمچى. (X/Turkish MFA)

تۈركىيە TRT دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خاقان فىدان بىلەن ۋاڭ يى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش، پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا تۈركىيەنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقى، بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ تۈركىيەدىن ئاشلىق سېتىۋېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى(MIT)نىڭ سابىق باشلىقى، ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرگە مېڭىشتىن بۇرۇن بەرگەن باياناتى تۈركىيەدە قىزىق تېمىغا ئايلانماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ توغرىلىق X دە بەرگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بېيجىڭدا بەرگەن باياناتىدا، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھىرىنىڭ تۈرك ۋە ئىسلام شەھىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى تارىخىي ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەھەتتىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمىز. بىز ھۆرمەتلىك خاقان فىداننىڭ خىتايغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى جەريانىدا، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. خاقان فىدان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ئۆمىكىنىڭ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ۋاسىتە بولۇپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان(سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتتە. 2024-يىلى 5-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان(سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتتە. 2024-يىلى 5-ئىيۇن، ئۈرۈمچى. (X/Turkish MFA)

-2018يىلى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، پېشقەدەم دىپلومات ئەخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ: «خاقان فىدان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە بارغاندا، خىتاي بارلىق كۈچى بىلەن‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەممە ئىش يولىدا كېتىۋاتىدۇ› دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. مەنچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز خىتاينىڭ قىلتىقىغا چۈشتى» دەپ يازغان.

ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ مۇئاۋىنى، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى، خاقان فىداننىڭ خىتايغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇمۇ دېگەنىدى: شەرقىي تۈركىستانغا ئالدى بىلەن پارلامېنت تەكشۈرۈش ئۆمىكى، كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى بېرىشى كېرەك ئىدى. بۇلاردىن سىرت غەرب ئەللىرىدىن مۇخبىرلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەركىن ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. خىتاي ئەگەر ئۇلارغا ئىشىكىنى ئاچمىسا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بار دېگەنلىك بولىدۇ».

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولۇۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەھبەرلەر. 2024-يىلى 5-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولۇۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەھبەرلەر. 2024-يىلى 5-ئىيۇن، ئۈرۈمچى. (X/Turkish MFA)

ئۇ، خاقان فىداننىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەر دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىمىز دەۋاتىدۇ. بۇنى دېگەن ۋاقتىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق خەلقلەر دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. بۇنى يېپىق مۇزاكىرىلەردە دېدىمۇ؟ بىلمەيمەن. لېكىن مەتبۇئات باياناتىدا بۇ ھەقتە توختالمىدى. بۇلارنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ «ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر تۈرك-ئىسلام شەھىرىدۇر» دېيىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دېگەن سەپسەتىسىنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 3-ئىيۇن كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. چېن ۋېنچىڭ-5ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس قاتارلىق جايلاردا خىزمەت تەكشۈرگەندە، رايوندا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى «دائىملاشتۇرۇش» ۋە «نورماللاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خاقان فىدان 5-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن-6چېسلا تۈركىيەگە قايتىدىكەن.