گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھرىدىكى «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رىستۇرانى» نىڭ خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللىغان پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇملارنى تېخىمۇ كۆپ گوللاندىيە جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ رېستورانى نامىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان تائام پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
بۇ پائالىيەت بىر ئايلىق تەييارلىقتىن كېيىن 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ھالدا رەسمىي باشلانغان بولۇپ، يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدىكەن
زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەسلىسىنى گوللاندىيەدىكى تاراتقۇ ئۇرۇنلىرى رادىيو ۋە گېزىت-ژورناللاردا ئومۇمىييۈزلۈك تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن 4-ئاينىڭ 21كۈنىدىن باشلاپ چوڭ كۆلەملىك تەييارلىق قىلغان. بۇ پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گوللاندىيە شۆبىسى ھەمكارلاشقان.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۈرۈمچى رېستورانى» بۇ قېتىملىق پائالىيەت جەريانىدا، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى گوللاندىيەدە ئېتىراپ قىلغۇزۇشتا كۈچ چىقارغان ئالتە نەپەر پارلامېنت ئەزاسىغا ئالاھىدە تاماق يەتكۈزۈپ ئۆزلىرىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرگەن. ئەمما مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زەينىدىن ئەپەندى يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گوللاندىيە شۆبىسىنىڭ مۇدىرى داخمار ئاۋدىشۇن خانىمنىڭ بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى، ئۇنىڭ تاراتقۇلار زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ قوللاپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىشتىن باشقا يەنە كەڭ گوللاندىيە ئاممىسىغا ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلغان ئىكەن.
بۇ پائالىيەت جەرياندا مېھمانلارغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى تونۇشتۇرۇلغان. رېستورانغا تەكلىپ قىلىنغان گوللاندىيەلىك مېھمانلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستۇرنى» دا سېتىلۋاتقان تائاملارنىڭ تۈرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتىكەن.
روتتېردامدىكى «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رىستۇرانى» ئېچىلغىنىغا 6 يىل بولغان بۇلۇپ، زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئىلگىرى بۇ رىستۇران نامىدا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىيىنى تونۇتۇش مەزمۇن قىلىنغان كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيىەتلىرىنى ئىلىپ بارغان.
زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىقى پائالىيەت بۇرۇنقى پائالىيەتلەرگە قارىغاندا كۆلىمى زور، تەسىرى كۈچلۈك بولغان پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن.
زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى بويىچە مۇھىم ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭمۇ ئەزاسى ئىكەن. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە جازا لاگېرلىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلمەكتىكەن.
بۇ يىل 26-فېۋرال كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.