گوللاندىيەدىكى «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان

0:00 / 0:00

نامەلۇم كىشىلەر گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ تاماقخانىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.

گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى بۈگۈن مەلۇمات بېرىپ، رېستوران تاماقخانىسىنىڭ تۈنۈگۈن كېچىدە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇنىڭدا خىتاينىڭ قولى بار دەپ گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ رېستورانىنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى تۇنجى قېتىملىق ھادىسە ئەمەسكەن. 2017-يىلىمۇ بىر قېتىم ئوخشاش ۋەقە يۈز بەرگەن. ھەتتا ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ چاقىغا پىچاق تىقىۋەتكەن، ئاشخانىدىكى ئەسۋابلارنى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن چاغلارمۇ بولغان.

ساقچىلار زەينىدىن تۇرسۇننىڭ باشقا كىشىلەر بىلەن ئاداۋىتى يوقلۇقىنى، زەينىدىننىڭ «بۇ ئىشتا چوقۇم خىتاينىڭ قولى بار» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ بۇزغۇنچىلىق ئىشلىرىغا خىتايلارنىڭ بىۋاسىتە قول سېلىش ئىمكانى ۋە جۈرئىتىنىڭ يوقلۇقىنى، يەرلىكتىكى كىشىلەرنى ياللاپ ئىشلەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ساقچىلار نەق مەيداننى سۈرەتكە، ۋىدېئوغا ئېلىپ، بۇ دېلونى مۇمكىن قەدەر تېز ئېنىقلاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

زەينىدىننىڭ ئايالى راھىلە خانىم زەينىدىننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گوللاندىيەدە ئېلىپ بارغان خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقىنى ھەمدە ئۈرۈمچى رېستورانىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىر مەزگىل «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» دا خىزمەت قىلغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن پەرھات ئابىت ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بۇ خىلدىكى بۇزغۇنچىلىق ئىشلىرىغا شاھىت بولغانلىقىنى، بۇنىڭدا «خىتاينىڭ قولى» بار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» دا خىزمەت قىلغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ قارا قولىنى چەتئەللەرگە قەدەر ئۇزارتىۋاتقانلىقىنى، پۇرسەت تاپسىلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىغا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى بۇزغۇنچىلىقنىڭ شۇنىڭ بىر جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.