ئىنگىلىز تىلىدىكى "جۇڭگو" گېزىتىنىڭ پايتەخت ئۈرۈمچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ساقچى ۋە سوت دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر"قولغا ئېلىنغانلاردىن پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ۋە سوت قىلىنىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن. لېكىن دائىرىلەر قانچە كىشىنىڭ سوتلىنىدىغانلىقىنى ياكى قولغا ئېلىنغانلاردىن قانچە كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەدە 1800 دەك ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، 197 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 1700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم چارشەنبە كۈنى ياپونىيىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۆلگەن ۋە ئىز دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ۋەزىيەتتتىن خەۋەردار يەرلىك ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر ۋەقەدە ئوق تېگىپ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان ئۇيغۇر يارىدارلارنى باشقا جايغا يۆتكەپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ قەيەرگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ۋە تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىدىن ھىچكىمنىڭ خەۋىرى يوق ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا پەيشەنبە كۈنى 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى رەت قىلدى.