ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونىدا خىتاي ئاھالىلىرى قامالغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن

0:00 / 0:00

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان قامال تەدبىرلىرى بىر قىسىم خىتاي ئاھالىلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان. توردىكى بىر سىن ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ يېڭىشەھەر رايوندىكى بىر قىسىم خىتاي ئاھالىلىرى مەزكۇر تەۋەلىكتىكى لىيۈشەن يولىدا چوڭ بىر نامايىش ئۆتكۈزگەن. بىنا ۋە كوچىدىكى توساقلارنى ھالقىپ ئۆتكەن نامايىشچىلار، قامال سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقان.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىگە قارىتا ئېلىپ باررغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر تەۋەلىكتە نامايىش بولغانلىقى دەلىللەندى.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ 3 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان يۇقۇم قامالى، رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان يەرلىك ئاھالىلەرنى دەسلەپكى ئىككى ھەپتدىلا ئۆز ھالىدىن قاخشاش ۋە زارلاشقا مەجبۇرلىغان ئىدى. ئەڭ يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى كۈنلەرگە كەلگەندە، قامال ئېلىپ كەلگەن قېيىنچىلىقلارغا خىتاي ئاھالىلىرىدىن بىر قىسىملىرىمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەن. توردا «تىك-توك» تىن تارقالغان بىر ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2 ‏-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ يېڭىشەھەر رايون لىيۈشەن يولدا نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن. نامايىشچىلار ئۆزلىرى قامالغان ئۆي، بىنا ۋە قورولاردىن چىقىپ، لىيۈشەن يولىغا توپلانغان ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خادىملار بىلەن تاكالاشقان، شۇنداقلا خادىملارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يۈرۈش قىلغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونلۇق ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمىدىن ئۈرۈمچىدە 2‏-نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدە مەلۇمات سورىغىنىمىزدا، ئۇ نامايىشنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە ئەمەس، يېڭىشەھەر رايونىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن قايسى ساقچىخانىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ لىيۈشەن يولى تەۋە بولغان تىيەنجىن ساقچىخانىسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى.

يېڭىشەھەر يولدىكى يىنچۈەن يولى ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى نامايىشقا قانچىلىك كىشى قاتناشقانلىقى ۋە قانداق تەلەپلەرنى قويغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتاينىڭ قامال تەدبىرلىرىگە ئەڭ دەسلەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ كوچىغا چىققانلار غۇلجا شەھەر قارىدۆڭ ئاھالىلىرى ئىدى. ئەينى چاغدا ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى قارىدۆڭدە شۇ كۈنى نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. ئۈرۈمچى لىيۈشەن يولىدىكى نامايىشقا قانچىلىك كىشى قاتناشقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ساي يولى (خېتەن) يولى ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، «قاتناشقان كىشىلەر بەك كۆپ، بەك كۆپ» دەپ جاۋاپ بەردى. ئەمما ئۇ قانچىلىك كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە تېخى يىغىن ئېچىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز مەزكۇر ساقچى خادىمىدىن قامال سەۋەبلىك نامايىش قىلغانلارنىڭ جازالانغان ياكى جازالانمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «قاتناشقان كىشى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قامالنى بۆسۈپ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىش — قانۇنسىزلىق» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما ئۇ يەنىلا قانچىلىك كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

توردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاھالىلىرى بۇ نامايىش ھەققىدىكى سىن ئۇچۇرىنى بەس-بەستە تارقىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق ئاۋازلىرىنى ئۇلغايتىشقا تىرىشقان. بۈگۈن خىتاينىڭ رەسمىي ئاخباراتلىرىدا، بىر قىسىم خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ «ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقى» ئۈچۈم جازالانغانلىقى خەۋەر قىلىىندى. ئەمما بۇلارنىڭ مانا مۇشۇ لىيۈشەن يولىدىكى نامايىش بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.

ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا غۇلجا قارىدوڭدىكى ئاھالىلەر ئۆتكۈزگەن نامايىشتا جەمئىي 617 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.