ئامېرىكا تاشقىي سىياسىتىنىڭ يول خەرىتىسى: ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟ (1)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.07.20
ئامېرىكا تاشقىي سىياسىتىنىڭ يول خەرىتىسى: ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟ (1) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى كۆرۈنىشى، 2020 يىلى 1- ئۆكتەبىر ۋاشىنگىتون
Photo: RFA

يېقىندا «تاشقىي ئىشلار» ژۇرنىلىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن ستانفورد ئۇنىۋېرستېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى مۇتەخەسسىسى بېس ۋان شاك خانىمنىڭ «ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىدۇ؟: خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش پىلانى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالە  ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار سىياسىتىنىڭ يول خەرىتىسى بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايغا قارىتا سىياسەت بەلگىلىشىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىدا يېتەكچىلىك قىممىتىگە ئىگە ئىكەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 19-يانۋار كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن ئىش باشلىغان بايدىن ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سىياسەتچىلەر بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرۇلۇق ئىزدىنىشكە باشلىغان. خىتاينىڭ سىياسىتىنى ياخشى بىلىدىغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسى بولسۇن، ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىتى ۋە ئالغان قارارلىرى بولسۇن، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ئىشنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم نامزات بولغىنى ئۈچۈن، «تاشقىي ئىشلار» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىكى خادىملار ئۇنى بۇ ھەقتە ماقالە يېزىپ، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر يول خەرىتىسى سىزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان.

ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان «تاشقىي ئىشلار» ژۇرنىلى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار كونسولى دەپ ئاتىلىدىغان ئاقىللار مەركىزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ژۇرنال بولۇپ، نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇ ئاقىللار مەركىزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسىغا سايلانغان. بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى سىياسەت تۈزگۈچىلەر ۋە قانۇنچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، خەلقئارا دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي پىكىر ئېقىمىغىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن بېس ۋان شاك خانىم بىرلىشىپ ئېلان قىلغان بۇ ماقالە ئامېرىكادىلا ئەمەس، خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسەتچىلەر، قانۇنچىلار ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم پايدىلىنىش مەنبەسى بولالايدىكەن.

ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا يۈرگۈزىدىغان تاشقىي سىياسەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش قىممىتىگە ئىگە بولغان بۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆز تەكىتلەنگەن ھەمدە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ۋەدە بەرگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياتىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قورقۇنچلۇق خۇلاسىگە بىردەك قېتىلدى، ترامپ ھۆكۈمىتىمۇ شۇنداق قىلغانىدى. ئامېرىكا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى› گە ئىمزا قويغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھەم ئەخلاقىي بۇرچىنى ئادا قىلىپ، نۆۋەتتە خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ كەڭ كۆلەملىك، قورقۇنچلۇق زوراۋانلىقنى ئاياغلاشتۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك. بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە بىر قاتار مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ يىل 3-ئايدا ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، جىنايەتچى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بىرلەشمە جازا يۈرگۈزدى. يەنە 6-ئايدا ‹7 دۆلەت ئىتتىپاقى› پۈتۈن دۇنيانىڭ مال تەمىنلەش لىنيەسىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بەردى، بۇ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش. لېكىن يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش كېرەك».

«خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىقتىساد ۋە سىياسىي تەسىرىنى ئويلىغاندا، كىشىلەر كۆپ ھاللاردا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈملۈك يولى يوقتەك ھېس قىلىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، بايدېن ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ۋاسىتىلەرنى قوللانسا بولىدۇ. بۇ ۋاسىتىلەر بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلار ۋە يانتاياق بولغۇچىلارغا ھەقىقىي بەدەل تۆلىگۈزىدۇ؛ بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىر-ۋاسىتىلەرنى تەڭ قوللانسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز قىلمىشىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىيالايدۇ، ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلالايدۇ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. بۇ تەدبىر-ۋاسىتىلەر يەنە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تاشقىي سىياسەتنىڭ يادروسى قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ ھەمدە ئامېرىكانىڭ مەلۇم بىر مىللەت ۋە ئېتىقادچى خەلقنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ».

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ماقالىدە بۈگۈنكى ۋەزىيەتكە كېلىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بەردۇق، ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئوخشاش يولنى تۇتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتۇق، ئاندىن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش، يەنى خىتاينى قانۇنىي جەھەتتىن قانداق جاۋابكارلىققا تارتىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش، دىپلوماتىك جەھەتلەردىن قايسى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئاخىرىدا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. گەرچە بۇ ماقالىدە ئۇيغۇلار ئاساسلىق تېما بولسىمۇ، ئۇنىڭدا دېيىلگەن گەپلەر، بېرىلگەن تەكلىپلەر ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىتىگە ئۆرنەك بولالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەپ قارايمەن».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىنمۇ بۇ يولدا دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بىرلىكتە جازا يۈرگۈزۈشى، يەنە كېلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1989-يىلدىكى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دىن بۇيان خىتايغا تۇنجى قېتىم جازا يۈرگۈزۈشى ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش يولىدا باسقان تۇنجى قەدەملىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.