ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەتبۇئات ئارقىلىق ئانا تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، جۈملىدىن ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. لېكىن بۇ جەھەتتىمۇ ئۇلار تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى جۇغراپىيەلىك جەھەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا يېقىن جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئەللەردە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان. رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئاساسەن موسكۋا، سانكىتپېتېربۇرگ شەھەرلىرىگە تارقالغان. ئەپسۇسكى بۇ ئەللەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ راۋاجلاندۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى مەسىلىسى بولدى. ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچ بىر مەكتەپ ياكى تىل ئۆگىتىدىغان مەركەز قۇرۇلمىغان، ئەمما شەخسىي تىل-مەركەزلىرىنىڭ ئېچىلىشى چەكلەنمىگەن.
ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان يەنە بىر ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتى قازاقىستان بىلەن سېلىشتۇرساق، شۇ دۆلەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ، يەنى مەكتەپلەر ئۇيغۇر تىياتىرى ھەم ئۇيغۇر تىلىدا مەتبۇئاتلار مەۋجۇت.
بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە قازاقىستان ھەقىقەتتىن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇسىيە پايتەختى موسكۋا ۋە سانكتپېتېربۇرگ شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن رەپقەت سادىقوف رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى، بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن ئالاقىدە بولغانلىقىنى ھەم شۇ ئەللەردىكى مەتبۇئاتلاردىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىقلارنى بىلىپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان يەنە بىر مەملىكەت قىرغىزىستاندۇر. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى مۇھىم كۈنلەرنى خاتىرىلەپ، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يادرولۇق مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىشتۇر. ئەپسۇسكى بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرلاشقان مەھەللىلەردە ئانا تىل سىنىپلىرىنى ئېچىشتا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەمەلگە ئاشماي كەلدى. رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا بىردىنبىر ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئىتتىپاق» گېزىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ئىتتىپاق» گېزىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئاساس قىلىنىپ 1994-يىلدىن تارتىپ نەشر قىلىنماقتا. گېزىت كىرىل ۋە كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنداقلا بىر قىسىم خەۋەرلەر رۇس تىلىدا بېسىلىدۇ. مەزكۇر گېزىت ئايدا بىر قېتىم نەشر قىلىنىپ، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە ھەتتا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا تارقىتىلىدۇ. لېكىن بۈگۈنكى كۈنلەردە «ئىتتىپاق» گېزىتى مۇشتەرى توپلاش ۋە ئىقتىسادىي تەرەپتىن بەزى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا.
مەلۇمكى ئۆزبېكىستاندىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئالىملىرى، مەدەنىيەت ئەربابلىرى يېتىشىپ چىققان. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ۋەزىيەت ئۆزگەردى. بۈگۈنكى كۈنلەردە تاشكەنت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جايىتىمۇ ئانا تىل مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە. بۇ جۇمھۇرىيەتتە ئۇيغۇر تىلى ئاساسەن بىرقىسىم چوڭ ياشتىكىلەر ئارىسىدا ساقلانغان، ئاساسىي قىسىم ئاھالە ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ، ئۆزبېك تىلى ئىشلىتىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن.
رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تاشكەنتتە ياشايدىغان پروفېسسور ئابدۇللاجان بارايېف، بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تىرىشچانلىقلار توغرىسىدا بايان قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا «تەكلىماكان» ژۇرنىلىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى ھەققىدە توختالدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىگە جۇغراپىيە جەھەتتىن يېقىن جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر ئانا-ماكانىنى زىيارەت قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىر-بىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ھەمكارلىشىپ، بەزى ئاممىۋى سورۇنلار ئارقىلىق دىدارلىشىپ تۇرماقتا. بۇ خىل ئالاقىدارمۇ ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى قوللىنىش ۋە ساقلاشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرگە ئايلانغان.