ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش يولىدا يەنە بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-10-05
Share
jennifer-wexton-jennifer-wekiston.jpg «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھىسى» تەييارلىغان، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىگە تەۋە ئەزاسى جېننىفېر ۋەكىستون(Jennifer Wexton) خانىم تور يىغىنىدا باشقىلارغا سالام بەرمەكتە. 2020-يىلى سېنتەبىر.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغاندىن سىرت، ئۇلارنى يەنە مەجبۇرىي قۇل ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ بىلىپ-بىلمەي ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توختىماي تەدبىر قوللانماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ئەزالىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. 30-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى» ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئاۋام پالاتادا 163 گە قارشى 253 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىگە تەۋە ئەزاسى جېننىفېر ۋەكىستون خانىم تەييارلىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكادا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەكىلىدۇر. ئۇ چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئاۋۋالقى مۇنازىرە قىسمىدا لايىھە ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇنىڭ مەن بىلەن ياكى سايلام بىلەن ئالاقىسى يوق. مەن ئاۋام پالاتاغا سايلىنىپ كىرىشتىن ئاۋاللا ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشكەن. مېنىڭ ۋەكىللىكىمدىكى ئۇ رايون ئۇيغۇر جامائىتى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي. ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە نۇرغۇن قورقۇنچلۇق نەرسىلەرنى ئېيتىپ بەرگەن».

ئۇ سۆزى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنى كۆپ قېتىم «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى. شۇڭا ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ مەيلى قايسى پارتىيەدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا ئائىت بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىشىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق ئاڭ مەۋجۇت. ئامېرىكالىقلار مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىدىن ياسالغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ. . . بىز بۇ قانۇن ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرالايمىز، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرالايمىز. بىز ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى›نى ماقۇللاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولىمىز».

تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ناملىق بىر قانۇن لايىھەسى 3 كە قارشى 406 ئاۋاز بىلەن تەستىقلانغانىدى. بۇ قېتىمقىسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئاۋازغا قويۇلغان ئىككىنچى قانۇن لايىھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن ماقۇللىنىپ ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە ئامېرىكادا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەرقانداق شىركەت ئۆز مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئاشكارىلاشقا، تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ قەرەللىك ھالدا دوكلات قىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قاناتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن يەنە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى پاي چەك بازىرىدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇرلايدىكەن.

شۇڭا ئۆمەر قانات ئەپەندى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى› ۋە ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇنى›دىن ئىبارەت ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئالدىنقى ھەپتە ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» لايىھەسى بويىچە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىشى ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈشى چەكلەنگەنىدى. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان بىر قىسىم ۋەكىللەر دېموكرات ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكادىكى ئەركىن تىجارەت پرىنسىپلىرى بويىچە ئالغاندا شىركەتلەر ئۈستىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ پاي بازىرىدا زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى مۇنازىرە قىلغان. بىراق دېموكرات ۋەكىللەر مۇشۇنداق قىلمىغاندا مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختاتقىلى ۋە ھەرقانداق شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا توسىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بولۇنغان مۇنازىرىلەرگە قارىماي، قانۇن لايىھەسى يەنىلا 26 نەپەر جۇمھۇرىيەتچى ئەزانىڭمۇ قوللىشى بىلەن ئوخشاشلا ئاۋازدىن ئۆتتى.

شۇ كۈنى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتادىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەندىن كېيىن نۇرغۇن دېموكرات مەجلىس ئەزالىرى تىۋىتتىردىكى ئىنكاسلىرىدا بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتادىن ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش يولىدا بىر قەدەم باسقانلىقىنى تەبرىكلەپ ئىنكاس يېزىشتى. جېننىفىر ۋەكىستون، مەت كارترايت، جېف فورتىنبېررىي قاتارلىق مەجلىس ئەزالىرى تىۋىتتىر ئۇچۇرلىرىدا بىردەك «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شىركەتلەر چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت