سەكپارە بولغان يۈرەك، ۋەيران بولغان ھايات: زۇلۇم ئايرىۋەتكەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ قاباھەتلىك كەچۈرمىشلىرى

0:00 / 0:00

19-مارت خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى سەۋەبلىك بىلەن پارچىلانغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى جۈملىدىن چەتئەللەردىكى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئۇچرىشالماي، تىرىك يېتىملارغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پاجىئەسى ھەققىدە مۇھىم دوكلات ئېلان قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىغا «سەكپارە بولغان يۈرەك، ۋەيران بولغان ھايات: زۇلۇم ئايرىۋەتكەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ قاباھەتلىك كەچۈرمىشلىرى» دەپ ماۋزۇ قويغان. ئۇنىڭدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ۋە سىستېمىلىق زۇلۇملىرى قاتارلىق سەۋەبلەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىنى خىتايغا قايتىپ، بالىلىرىنى بېقىش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قىلغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن بۇ بالىلارنى ئاتا – ئانىلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۇلار بىلەن جەم بولۇش ئىمكانىيەتلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە، كانادا، ئىتالىيە، گوللاندىيە ۋە تۈركىيەدە ياشايدىغان بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئالتە نەپەر ئاتا-ئانا بىلەن تەپسىلىي سۆھبەت ئېلىپ بارغان. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە پەرقلىق سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىققان بۇ ئۇيغۇر ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاقىۋەتتە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئۇلارنىڭ ئىز –دېرىكىنى بىلمەسلىك ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ ھايات – تىرىكلىكىدىنمۇ خەۋىرى بولماسلىكتەك قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان. كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا بۇ 6 ئائىلە بەرگەن گۇۋاھلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلەر دۇچار بولغان قىسمەتلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىغىلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلات ھەققىدىكى باياناتىدا مەزكۇر ئورگاننىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكاد مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى رەھىمسىزلەرچە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى جۇدا قىلىنغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ئىنتايىن قېيىن ئەھۋالغا قويدى: بالىلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەمما ئاتا-ئانىلىرى ئۆيىگە قايتىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى بولسا زىيانكەشلىككە ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرايدۇ. بىز پاراڭلاشقان ئاتا-ئانىلارنىڭ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان گۇۋاھلىق سۆزى پەقەت ئۇيغۇر ئائىلىلىرى دۇچار بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ئاز بىر قىسمى. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى بۇ رەھىمسىزلەرچە سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇ ئائىلىلەرنىڭ بالدۇرراق جەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتى داڭلىق تېلېۋىزىيە قانىلى CNN تېلېۋىزىيەسىدە بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىپ زور ئىنكاس قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۇچراۋاتقان بۇ پاجىئەنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە «بۇ دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغان ئىنتايىن مۇھىم بىر دوكلات بولدى» دېدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئائىلىلەرنىڭ بىرى نۆۋەتتە ئىتالىيەدە ياشاۋاتقان ۋە كېچە – كۈندۈز يۇرتى قەشقەردە قالغان 4 پەرزەنتىنىڭ يولىنى كۆزلەۋاتقان مېھرىبان قادىر ۋە ئابلىكىم مەمتىمىننىڭ ھېكايەسى ئىدى. ئۇلار 2016-يىلى ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىتالىيەگە قېچىپ كەتكەن ۋە پاسپورتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ 12 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان تۆت بالىسى 2019-يىلى ۋىزىسىنى ئېلىپ ئاتا – ئانىسى بىلەن جەم بولۇش ئارزۇسى بىلەن شۇنچە خېيىم – خەتەرگە قارىماي قەشقەردىن شاڭخەيدىكى ئىتالىيە كونسۇلخانىسىغا يالغۇز بارغان بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئارزۇسى سۇلارغا چىلاشقان. ئۇلار ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، يېتىم بالىلار ۋە ياتاقلىق مەكتەپكە قايتۇرۇلغان.

يەنە بىر گۇۋاھلىق بەرگۈچى بولسا تۈركىيەدىكى ئۆمەر بىلەن مەريەم فارۇخ. ئۇلار 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كەلگەندىن بېرى قايتالماي، بوۋا – مومىسىغا قويۇپ قويغان بەش ۋە ئالتە ياشلىق ئىككى كىچىك بالىسىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان.

ئۆمەر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا «بىز قىزلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغىلى 1594 كۈن بولدى، ئايالىم ئىككىمىز كېچىدىلا يىغلايمىز، قايغۇمىزنى بىز بىلەن بىللە بۇ يەردىكى باشقا بالىلىرىمىزدىن يوشۇرۇشقا تىرىشىمىز».

كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكاد باياناتتا مۇنداق دېگەن: «بۇ ئائىلىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئە ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ› تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش‹نامىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ زالىم، ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ئەركىن ھالدا چېگرادىن چىقىش ۋە دۆلەتكە قايتىش ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان تەدبىرلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئۇ چوقۇم بارلىق قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى تاقاپ، مەھبۇسلارنى شەرتسىز ھالدا دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك».

زۇبەيرە خانىممۇ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى، ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچار بولۇۋاتقان بۇ پاجىئەنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنى بۇنچە كۈچلۈك پاكىتلار ئالدىدا قاراپ تۇرماسلىققا، بۇ پاجىئەگە قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن:

«خىتاينىڭ نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىپ، ئۇلار ئۈستىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش، جۈملىدىن خەلقئارا قانۇندىكى بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 1992-يىلى ‹بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى› نى تەستىقلىغان. ئەھدىنامىنىڭ 9-ۋە 10-ماددىلىرىغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم بالىلارنى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋەتمەسلىكى ۋە بالىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ھەمىشە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.»

ئۇلار دوكلاتىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاتا – ئانىلىرى چەتئەللەردە قالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش ۋە ياكى يۇرتلىرىغا قايتىشىغا قويۇلغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ رايوننى تولۇق ۋە چەكلىمىسىز ھالدا زىيارەت قىلىشىغا، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش، لاگېرلارنى تاقاش، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى يېقىنلىرى بىلەن خالىغانچە ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇش دېگەنلەرنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيلىق قىلغۇچىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى كېرەك. بۇ مەسىلىگە ناھايىتى جىددىي مۇئامىلە قىلىنىشى، ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيلىق قىلغۇچىسىنىڭ رۇخسىتىسىز دۆلەت قارمىقىدىكى ئورگانلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق بالىلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگىمۇ خىتاب قىلىپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرىنىڭ ئادىل ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، ئۇلارنىڭ كۆچمەنلىك سالاھىيەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆز دۆلەتلىرىدە ياشىشىغا يول قويۇلۇشى، ھەم ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشى، مۇۋاپىق بولغان ياردەم ۋە مەسلىھەتلەرنى بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرلىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىكى ئۇچۇرلار بويىچە، ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان مامۇتجاننىڭ قەشقەردە قالغان ئىككى بالىسى ۋە ئايالىنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىپ قەشقەرگە بارغان ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنى تېپىپ سۆزلەشكەن. بۇ ئۇچرىشىشقا ئائىت سىن كۆرۈنۈشلەر كېلەر ھەپتە CNN تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىنىدىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سىلەر يۇقىرىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋەرنى ئاڭلىدىڭلار.

دوكلاتنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىلەر.

Hearts and Lives Broken: The Nightmare of Uyghur Families Separated by RepressionOpens in new window ]

ئۇيغۇرچە PDF نۇسخىسىنىڭ ئۇلىنىشى: « سەكپارە بولغان يۈرەك، ۋەيران بولغان ھايات: زۇلۇم ئايرىۋەتكەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ قاباھەتلىك كەچۈرمىشلىرى»