دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى

0:00 / 0:00

كۆزىتىشلەردىن قارىغاندا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئۆز ئارا جەم قىلىپ ئىلىم ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەقىل ئامبىرى شەكىللەندۈرۈپ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇنىڭ شۆبىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كرىزىسى ئېغىرلاشقان بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىر تەرەپتىن دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ۋە زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول كۆرسىتىش، چارە ئىزدەش، ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

ئۇيغۇر ئاكادېميىسى تورىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 25-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى، يەنى ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغىنىغا ئىككى يىل بولغان كۈن بولۇپ، ھەيئەت ئەزالىرى نىزامنامە تەلىپى بويىچە سايلام ئۆتكۈزۈپ، دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىرنى 2-نۆۋەتلىك رەئىسلىككە سايلاپ چىققان. ۋىرۇس تۈپەيلىدىن بۇ سايلام توردا ۋىدىيولۇق كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان.

دوكتور ئابلىز ئەپەندى 1981-يىلى غۇلجادا زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2004-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 2008-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا بارغان، 2013-يىلى كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە دىيابېت تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. 2013-يىل 10-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكادىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىغا دوكتورئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ كەلگەن، 2016-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى دوكتور ئابلىز ئەپەندى باشچىلىقىدا 9 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن 2018-يىل 20-مايدا ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان ۋە رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان ئىلمىي ئورگان بولۇپ، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق ئۇيغۇر روھىنى جانلاندۇرۇش، ۋەتەن-مىللەت كۈرىشىنىڭ ئامېرىكادا غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغانىكەن.

دوكتور ئابلىز ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلامدىكى تەسىراتى ۋە كۆڭۈل سۆزلىرىنى يازمىچە بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۈگۈن خەلقىمىز ئۈستىدىن ئەشەددىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. مۇشۇ ۋەزىيەتتە ھەرقانداق بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ سۈكۈتتە ياشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەلۋەتتە، مىللەتنىڭ باشلامچىلىرى بولغان زىيالىيلار خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىسمەتنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەك.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئىختىساس ئىگىلىرى كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. زىيالىيلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، بارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، بولۇپمۇ غايىب بولغان، ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش بۇ ئاكادېمىيىنىڭ بىر خىزمىتىدۇر. ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھازىرغا قەدەر ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ لېكسىيە سۆزلەش، رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بىز بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، قانۇن ئىشلىرى مەركەزلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ، ۋەتەننىڭ دەۋاسى، خەلقنىڭ پەريادىنى داۋاملىق ئاڭلىتىمىز.»

ئابلىز ئابدۇقادىر يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىر ئىلمىي ئورۇن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئامېرىكادىكى زىيالىيلار ۋە كەسىپ ئىگىلىرىنى بىر يەرگە ئەكېلىپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى خەلق بىلەن ئورتاقلىشىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىمىز. ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن شۇ ساھەدە نەتىجە قازانغان زىيالىيلىرىمىزنىڭ باغلىنىشىنى كۈچەيتىمىز. بىزدە ‹ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ› دېگەن سۆز بار. ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق جامائەتكە جاۋاب بېرىدۇ.»

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلىمى، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەشەببۇسلار ۋە تەكىتلەنگەن نۇقتىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يىغىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئامېرىكادىكى زىيالىيلار ئارىسىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش، ئامېرىكادىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئاكادېمىيە ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىنىڭ ئامېرىكادىكى قوللاش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەرخىل مۇھاكىمە يىغىنى ۋە لېكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئامېرىكادەك مۇھىم دۆلەتتە ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن ياراملىق ياشلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.»

ئۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، جۈملىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىدە زىيالىيلارنى ئەمەلىي ئىش قىلىشقا ئۈندەش، كۈرەش سېپىگە تېخىمۇ كۆپ زىيالىيلارنى ئەكىرىپ، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، شۇنداقلا ۋەتەن، مىللەتكە ياراملىق بىر تۈركۈم ياشلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.»

ئۇ يەنە ھەر قايسى ئاكادېمىيەلەرنىڭ رولى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇر ئاكادېمىيىلىرى زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئەقلى كۈچىگە تايىنىپ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا ياردەمدە بولۇپ، خەلقئارا سىياسەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ۋە مىللىي ھۆرلۈكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تارىخىي پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن كېرەكلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۈرىشىنى قوللاۋاتقان چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئىلمىي ۋە قايىل قىلارلىق پىلان ۋە لاھىيەلەرنىڭ تۈزۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئويناش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ».

ئۇ يەنە «مەزكۇر ئىلمىي تەشكىلات ۋە ئاكادېمىكلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى، شۇنداقلا باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردا قۇرۇلىدىغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى ئۆزىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئەتراپىغا توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىدىن، بىلىمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللىي پاجىئەگە تېزدىن خاتىمە بېرىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن باشقا يەنە ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلغان.