«ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى» غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.07.11
Uyghur-Akademiyesi-Enqere-Yighin-Rishat-Abbas-2023-7.jpg
Photo: RFA

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش ساھىبخانلىقىدا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە 8-ئىيۇلدىن باشلاپ ئېچىلىۋاتقان «ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى» 10-ئىيۇل كۈنى ئاخىرقى بىر كۈنلۈك گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسى ۋە مۇھاكىمە باسقۇچىنى تاماملاپ، غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

يىغىن جەريانىدا مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىر قاتار مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچقا يىغىننىڭ ئاخىرقى بىر كۈنلۈك گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىدە پىكىرلەر ئەركىن قانات يايدى. بولۇپمۇ مەمتىمىن ئابباس ۋە مەغپىرەت كامال رەئىسلىكىدىكى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە مۇھاكىمە تېمىلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش، يېقىندا تەييار بولغان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇق دەرسلىكىگە قىسقىچە پىكىر بېرىش قاتارلىقلار ھەققىدە كۆپلىگەن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشتى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر تىلى دەرسلىك كىتابىنىڭ ئۇتۇقلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە ئۇنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا پايدىلىق، دەپ قارالغان ئىملا ۋە سۆز خاتالىقىنى توغرىلاش، كىتاب ھەجمىنى بالىلارغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، دەرسلىك تىلىنى تېخىمۇ ئاممىبابلاشتۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تەييارلاش دېگەندەك بەزى قاراشلار شەرھلەپ ئۆتۈلدى. ئارقىدىن بۇ قېتىمقى دەرسلىك كىتابنى تەييارلاشقا كۈچ چىقارغان كىشىلەرنىڭ بىرى، دوكتور راھىلە قەشقىرى بۇ قېتىمقى دەرسلىك كىتابنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئۆزلىرى قوللانغان پىرىنسىپلار ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

«ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى»دا مۇتەخەسسىسلەر دوكلات بەرمەكتە. 2023-يىلى 8-ئىيۇل، تۈركىيە ئەنقەرە.

ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان تۈرلەر قاتارىدا ھەر يىلى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر سەبىيلىرىنى توپلاپ ئىككى ھەپتىلىك يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە تەشكىللەش، بۇ ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئورتاق تىل سۈپىتىدە قوللىنىش مۇھىتىنى يارىتىشمۇ قىزغىن ئالقىشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھاجىرەت شارائىتىدا يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر بوغۇنلىرىغا مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك چۈشەنچىسى سىڭدۈرۈشتە ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ۋە مەشرەپنى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى قىلىش، تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا خەلقئارا مۇسابىقىلەر ئۇيۇشتۇرۇش، مۇمكىن بولغان دائىرىدە ئۇيغۇر تېبابىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، مىللىي ھۈنەر-سەنئەت تۈرلىرى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرى كۆرگەزمىسى قىلىش ھەققىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بەس-بەستە پىكىر قىلدى.

گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور پەيزۇللا زەيدۇن ئۆز گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەر يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ مۇھاجىرەت شارائىتىدا بىرەر ئەھمىيەتلىك خاتىرە كۈننى تاللاپ مۇقىملاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھەر يىلى ئوخشاش كۈندە ھەرقايسى دۆلەتلەردە تەڭلا خەلقئارا فېستىۋال ئۆتكۈزۈش، بۇ خىل فېستىۋاللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ ھەرقايسى تۈرلەرنى جانلىق نامايان قىلىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە ئۇنىۋېرسال تور بېتى ياساپ چىقىش ئارقىلىق ھەر ساھە كىشىلىرىگە ۋە ئوخشىمىغان ياشتىكى ئىنسانلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر ئاساسلىق تۈرلەرنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرى ھەققىدە دەرس ئېچىش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى ئېچىش ۋە كىنوچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، سەنئەت ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىش دېگەندەك تۈرلەر ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان تۈرلەر قاتارىدا مەخسۇس چۈشەندۈرۈلدى.

Uyghur-Akademiyesi-Enqere-Yighin-2023-5.jpg

10-ئىيۇلدىكى ئاخىرقى گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، پېشقەدەم تېببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس سۆز ئېلىپ بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە خۇلاسە خاراكتېرلىك سۆز قىلدى. ئۇ بۇ قېتىمقى خەلقئارا يىغىننىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بەرگەن ھەرقايسى شەخسلەر ۋە ئورۇنلارغا، جۈملىدىن ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتىغا ئۆزى ئالاھىدە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەشكىللىنىش جەريانىغا كۈچ چىقارغان سكوت ۋوردېن (Scott Worden)، كىم روي (Kim Roy) قاتارلىقلارغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىنغاندا زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا سكوت ۋوردىن ئەپەندى رادىيومىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندا ھېس قىلغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

«مېنىڭ ئىسمىم سكوت ۋوردېن. مەن ھازىر ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پىروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. بىز نورمالدا ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئىدارىسى (USAID) بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرىمىز. يەنى بىزنىڭ پائالىيەت راسخوتىمىز شۇلاردىن كېلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەت ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىۋاتقانلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنى نەزەرگە ئالغان ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەشكىلىي قىسىملىرىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن سۆھبەتتە بولۇش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىشى ھازىرقى ئەڭ زور تەھدىت ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولدۇق. بۇنداق ئەھۋالدا ياش بىر ئەۋلادنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ يېشىدىكى ياكى ئۇلاردىن كىچىكرەك ياشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى، ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشى، ئۆز جامائىتىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بۇنى كېيىنكى بىر ئەۋلادقا يەتكۈزۈشىدە بۇ بىر پۇرسەت بولۇپ قالغۇسى. بۇ يەردە شۇنى ئېيتماي تۇرالمايمەن: بۇ قېتىمقى يىغىن ۋە مۇزاكىرىگە دۇنيادىكى 14 دۆلەتتە ياشاۋاتقان جامائەت يېتەكچىلىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى. بۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ يۈزتۇرانە ھالدا بىر سورۇنغا جەم بولۇشى كەم تېپىلىدىغان بىر ئەھۋال. ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئاكتىپلىقىدىن، ئۇلاردىكى قىزغىنلىقتىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا شۇنچە قىزغىنلىق ئىچىدە ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ غېمىنى قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭدەك بۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكە ئالدىراۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى قاباھەتلىك رېئاللىققا سېلىشتۇرغاندا بۇ بىر قېتىملىق ئىجابىي خىزمەت، شۇنىڭدەك ئىجادىي خىزمەت بولدى، دەپ قارايمەن. بىر چەتئەللىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ھال ماڭا تېخىمۇ زور ئىلھام بەردى.»

Uyghur-Akademiyesi-Enqere-Yighin-Alimjan-Inayet-2023-14.jpg

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتور رىشات ئابباس بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۆتكەن يىللاردىكى يىغىنلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى مۇھاجىرەت شارائىتىدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلاپ قېلىشقا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەر يىلى بۇ خىلدىكى يىغىنلارنى ئېچىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، 2023-يىلىدىكى ئەنقەرە يىغىنى ھازىرغا قەدەر قاتناشقۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان، شۇنىڭدەك ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى ئەڭ كۆپ توپلانغان بىر مەيدان يىغىن بولغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.