ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى: «ئۇيغۇر زىيالىيلىيلىرى ‹مەن مىللىتىمنى، خەلقىمنى قۇتقۇزۈش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدىم ۋە نېمە ئىش قىلىشىم كېرەك؟› دەپ ئۆز-ئۆزىدىن سورىشى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك» دېدى.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى 17-18-سېنتەبىر كۈنلىرى مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلار دۈچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشتى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا ئۇلار ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانداق توختىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى قانداق قوغداپ قېلىش توغرىسىدا ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن دوكلاتلىرىنى تەقدىم قىلدى.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخىپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ھەر خىل زۇلۇملىرى ۋە قىيىن-قىستاقلىرىغا دۈچ كېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ يېقىنقى 45 كۈندىن بۇيان كورونا ۋىرۇسى باھانىسى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆيلىرىگە سولاپ ئاچ قويۇش ۋە كېسەل بولغانلارغا ھېچقانداق داۋالىنىش پۇرسىتى بەرمەي ئۆلۈم خەۋپىگە تاشلاپ قۇيۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا سۆز قىلغان «ئىيى» پارتىيەسىىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى رىدۋان ئۇز ئەپەندى، پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق پروگراممىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش پروگراممىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەيلى تۈركىيە پارلامېنتىدا بولسۇن مەيلى باشقا مۇنبەرلەردە بولسۇن، تۈركىيەدىكى باشقا ھەرقانداق پارتىيلەردىن ئەڭ كۆپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «‹ئىيى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە ھەر قانداق يىغىنلاردا، ھەر قانداق شارائىتتا، بىز شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلدۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر خەلقى زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، شەرقىي تۈركسىتان مۇستەقىل بولغۇچە يېنىڭلاردا بولىمىز ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز.»
يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە پارلامېنىتىنىڭ ئەزاسى فەخرىددىن يۇقۇش ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يالغۇز شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى تۈركلەرنىڭمۇ مىللىي مەسىلىسى ئىكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق زۇلۇم قىلىۋىرشىگە يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەرت كايا ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولۇپ، قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يوللىغان قىسقا مەكتۇبىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىلتىز تېخنىكا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسۇرى سولايمان دوغان ئەپەندى، «خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق نوقتىسىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تەدبىرلىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.
بۇ يىغىندا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى نېمىلەرنى قىلالايمىز» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دىپلومات ئۈمىت ياردىم ئەپەندى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەت تۈركىبىدىكى ئورگانلارنىڭ بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۈركىيەدە بىر قانچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىلىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ توغرىلىق ئالاھىدە بىر يىغىن ئېچىش ۋە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىش؛ تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى خىتاي تەرەپكە بىلدۈرۈش؛ بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا تۈركىيەدىن بىر ھەيئەت ئەۋەتىش ۋە ئۇ يەرىدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش؛ ب د ت، خەلقئارالىق ئورگانلار، تۈرك دۆلەتلىرى بىرلىكى ۋە دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن بۇ توغرىلىق سۆزلىشىش ھەمدە ئۇلارنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىش قاتارلىق نۇقتىلارنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.
يىغىندا سۆز قىلغان كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇرلار دۈچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا سۆز قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ قىرغىنچلىقنى توختىتىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا بىرقانچىلىغان چوڭ تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش، جازا لاگېرلىرىنى تاقاتقۇزۇش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ چەكلەش، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى بويىچە لوبىيچىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداشقا تۇتۇش قىلىش قاتارلىق تېمىلاردا دوكلاتلار سونۇلدى ھەمدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.