ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر پەن - تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


7 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ يىغىن زالىدا، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە دوكتورلار، پروفېسسورلار ھەمدە ئىستانبۇلنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان سۆز قىلىپ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.

كېيىن يىغىندا ئامېرىكىدىن كەلگەن تىببىي دورىشۇناسلىق پەنلىرى ئىلمى دوكتورى رىشات ئابباس بورھان، گوتتىنگىن ئۇنىۋېرىستېتى توركولوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت، ياپونىيەدىن كەلگەن دوكتور ئەركىن ئابلىز، شىۋېتسىيەدىن كەلگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قاتارلىق تەتقىقاتچىلار، چەتئەللەردىكى ئوقۇش پۇرسەتلىرى، غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى مەسىلىلىرى دېگەن مەزمۇنلاردا سۆز قىلدى.

ئىككى سائەت داۋام قىلغان يىغىندا دەسلەپتە دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئوقۇش پۇرسەتلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا توختالدى. كېيىن ئامېرىكىغا تۈنجى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائى ھاياتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور رىشات ئابباسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىغا تۈنجى بولۇپ 1950 - يىللاردا داۋۇت ئوسمان ئەپەندى ئىسىملىك كىشىنىڭ بېرىپ يەرلەشكەنلىكىنى، 1960 - 1979 - يىللار ئارىسىدا 7 بىلەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلە كېلىپ يەرلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان سۆزدە
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان سۆزدە (RFA/Arslan)


دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى توغرىسىدا توختىلىپ، 1980 - 1989 - يىللار ئارىسىدا 15 - 20 ئوقۇغۇچى بارلىقى، بۇ سان 1990 - يىلدىن 1999 - يىللار ئارىسىدا 100 گە چىققانلىقىنى، 2009 - دىن 2016 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىنىڭ ئوخشىمىغان مەكتەپلىرىدە 1000 دەك ئوقۇغۇچى بارلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن ئابلىز ئەپەندى ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرىستېتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ئوقۇش پۇرسەتلىرى توغرىسىدا كەڭ مەلۇمات بەردى.

دوكتور ئەركىن ئابلىز ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، ئىجتىمائى ھاياتى، يەرلىشىش تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ، ياپونىيىدە ھازىر تەخمىنەن 2000 غا يېقىن ئۇيغۇر بارلىقىنى، بۇلاردىن 7 - كىشى ئۇنىۋېرىسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى، 300 ئۇيغۇرنىڭ ياپونىيەنىڭ داڭلىق چوڭ شېركەتلىرىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد شىۋېتىسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، ئىجتىمائى ھاياتى ۋە شىۋېتسىيىگە تۈنجى بولۇپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىن ئاخىرىدا، ئوقۇغۇچىلار يىغىندا سۆز قىلغۇچىلاردىن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە گېرمانىيىدىكى مەكتەپلەر ۋە ئوقۇشقا قوبۇل بولۇش شەرت - شارائىتلىرى توغرىسىدا سوئال سورىدى. مۇناسىۋەتلىك سۆز قىلغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى.

بۇ يىغىنغا ئەسلىدە 10 - ئاينىڭ 8 - 9 - كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن، ئۇيغۇر پەن تەتقىقاتچىلار، دوكتور، پروفېسسورلار ۋە يازغۇچىلارمۇ قاتناشتى.

ئامېرىكىدىن كەلگەن دوكتور دولقۇن قەمبىرى، دوكتور ئەسەد سولايمان، قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئەكبەرجان باۋۇدۇن، سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن كەلگەن سىراجىددىن ئەزىزى قاتارلىق تەتقىقاتچى ئالىملار يىغىننىڭ شەرەپ مېھمانلىرى بولدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.