ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى 2022-يىللىق خىزمەت پىلانى يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

21-يانۋار كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور ئارقىلىق 2022-يىللىق خىزمەت پىلانى يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ خادىملىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن باشقا، ياشلار ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىمۇ قاتنىشىپ پىكىر بىلدۈردى.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەش، بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر دوكلات تەييارلاپ چىقىش قارار قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ 2022-يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدا چۈشكەن تەكلىپ-پىكىرلەر مۇلاھىزە قىلىندى.

يىغىندا ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرجىمە ئىشلىرى

پائالىيەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، شەخس، دۆلەت ئورگانلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شىركەتلەرگە قارىتا لوبىيچىلىق ھەركەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە ياشلارنى تەربىيەلەش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش قاتارلىق مەزمۇنلاردا كونكىرېت خىزمەت پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتىكى كونكىرېت خىزمەت پىلانلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى مەسىلىسىمۇ مۇھىم تىمىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشىنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتتە ئەڭ چوڭ بەدەل تۆلەۋاتقانلارنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىكەنلىكىنى، چەت ئەللەردىكى كۈرەشتە خەتەردىن قورۇقماي خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىكەنلىكىنى، يېتىشكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۈلگە بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەغپىرەت كامال خانىم يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كېلەچىكى ئۈچۈن ئېنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشىنى كۈچەيتىش ئۇلارنى بۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە بۇ سەپكە قاتنىشىشقا چاقىرىش ئىنتايىن مۇھىم. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارمۇ ئاز ئەمەس، ئېنتايىن ئىغىر. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئەرلىرى تەرىپىدىن قەدىرلىنىشى كېرەك. ئۇلارغا كۆرسىتىدىغان ياخشى مۇئامىلىنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇتلەق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىش كېرەك.»

ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ باش كاتىپى، قىبرىس 15-نويابىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور شەۋكەت ناسىرى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا تەشۋىقاتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ تەشۋىقات پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارالىق سىياسىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىشىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەتمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر كەسپىيلىكى كۈچلۈك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيىتىنى بەلگىلەشتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.