ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۆزىنىڭ يېڭى خىزمەت دەۋرىنى باشلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-06-21
Share
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۆزىنىڭ يېڭى خىزمەت دەۋرىنى باشلىدى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى(سولدا) بىلەن كېڭەش ھەيئەت ئەزاسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى. 2021-يىلى 19-ئىيۇن، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 19-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرغان 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ چىقىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى» نامىدا پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىم يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ يېڭى رەھبەرلىكىمۇ سايلاپ چىقىلغان.

تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2018-يىلىدىن بۇيانقى 3 يىللىق خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا 3 يىل جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر توغرىسىدا توختالدى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەقسىتى بىلەن ئاكادېمىيەنى ۋەخپىگە ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى رەسمىي تەستىقلاشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى دېموكراتىك يوللار بىلەن سايلاپ چىقىلدى. سايلامدا، 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەئىسلىكىگە، ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بولسا 11 كىشىلىك كېڭەش ھەيئىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 19-ئىيۇن، تۈركىيە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ كېڭەش ھەيئىتى رەئىسلىكىگە سايلانغان ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەزكۇر ۋەخپىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى مەزكۇر ۋەخپىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئەزالىرىنىڭمۇ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيەدىكى 9 ئۇيغۇر زىيالىيسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 12 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغان. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يوشۇرۇن بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى، ئۆزىنى بۇ ۋەزىپىگە لايىق كۆرگەن زىيالىيلارغا رەھمەت ئېتىدىغانلىقىنى، تىرىشىپ ئىشلەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ 11 كىشىدىن تەركىب تاپقان كېڭەش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئابدۇلخەمىت قاراخان بىلەن دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم مۇئاۋىن رەئىسلىككە، دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى باش كاتىپلىققا، دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى مالىيە ئىشلىرى مۇدىرلىقىغا، دوكتور راھىلە قەشقەرلى خانىم بىلەن دوكتور ئالىي ئەخمەتبەيوغلۇ ئەپەندى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىقىغا سايلاندى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت