ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك سايلىمىدا ئالدىنقى خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ يېڭى پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2022.06.24
«ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» دىن ئىگىلىشىمىزچە، 16-ئىيۇن كۈنى «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى» ھەيئەت ئەزالىرى يىغىن ئېچىپ، 3-نۆۋەتلىك سايلام ئۆتكۈزگەن.
«ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» ھەيئەت ئەزالىرىدىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تىل ۋە مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار ئەزىز خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلام ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
گۈلنار ئەزىز خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ 3-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئەپەندى قايتا سايلانغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىم 3-نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بېشىغا ئېغىر كۈلپەتلەر كەلگەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ئىرادىسى سەۋەب بولغانىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە 3-نۆۋەتلىك سايلام يىغىنىدا، دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئەپەندى ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ھەققىدە خۇلاسە دوكلاتى بەرگەن ۋە كېيىنكى ئىككى يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن.
دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ ئالدىنقى ئىككى يىللىق خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىللىق خىزمىتىدە، ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەخسۇس لېكسىيەلەر ئۇيۇشتۇرۇش، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدە ماتېرىياللار تەييارلاپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش، لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوتى» نىڭ گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلىپ تەييارلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» دىكى ئەزالارنىڭ بۇ خىزمەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنى ۋە زېھنىنى قۇربان قىلىپ ئاكتىپ ئىشلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىل ۋە مائارىپ تەربىيەسى ھەم ياشلارنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىگە ياردەم بېرىش، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمكارلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىمۇ بولغان.
دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېيىنكى ئىككى يىلدا «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەزمۇنلار بىلەن بېيىشتىش پىلانلانغان.
«ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيە» سىنىڭ 3-نۆۋەتلىك سايلام يىغىنى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىرى، دائىمىي ھەيئەتلىرى، ئەزالار، باش ئاكادېمىيەنىڭ رەئىسى، باش كاتىپى ۋە تەپتىش مۇدىرى قاتارلىقلار قاتناشقان. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن تەپتىش دوكتور پەيزۇللا زەيدۇن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ باش مەسلىھەتچىلىرىدىن دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ۋە دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەرمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيە» سىنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆزىدە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ 2009-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. ئۇ، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ تەرەققىي قىلىپ كېڭىيىش تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ 7 تارماق تەشكىلات، ئىككى ئىنستىتۇت بىر ئانا تىل كومېتىتىدىن تەركىب تاپقان، رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان تەشكىلاتقا ئايلانغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلنار خانىم ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن بىللە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ تەتقىقات تۈرلىرى مەسئۇلى ئىكەن.
گۈلنار خانىم ئۇيغۇر «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى» نۆۋەتتە پايدا-مەنپەئەت ئالمايدىغان تەشكىلات سۈپىتىدە رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ نۆۋەتتە، تۈركىيە، ياۋروپا، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيەدە 7 تارماق ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغان. ئاكادېمىيە تەركىبىدە يەنە «قۇتاتغۇبىلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى»، «خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قاتارلىق ئىككى ئىنستىتۇت ۋە «ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى» بار بولۇپ، نۆۋەتتە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەردە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.