ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى فوندى جەمئىيىتى 10-ئىيۇل ۋە 11-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدا ئومۇمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ۋە ياش تايانچ كۈچلەرنىڭ مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزدى.
10-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەيئەتلەر كېڭەش يىغىنىدا يېڭى خىزمەت يىلىدا قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر بەلگىلەندى ۋە يېڭى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەندى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي ھەيئەت يىغىنىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە يىللاردىن بۇيان تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىستلار، ئىلمىي خادىملار ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىلمىي ۋە تەتقىقات ساھەسىدە خىتايغا قارشى ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بەزى پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇزۇندىن بۇيان تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن مەھمۇد قەشقەرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇش پىلانى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى ۋە بۇ پىلان ئەتراپىدا كونكرېت خىزمەت نىشانى تۈزۈلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر يىغىننىڭ مەقسىتى، نىشانى ۋە ئېلىنغان قارارلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

11-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياش تايانچ كۈچلەرنىڭ مۇزاكىرە يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش مەسىلىسى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.
يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇندىن بۇرۇن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنغان ۋە كونكرېت پىلانلار تۈزۈلگەن.
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىقى كەسپىنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتى ئەنۋەر ئەخمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياش تايانچ كۈچلەر مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ مەقسىتى ۋە ئىلىنغان قارارلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەت يۆنىلىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2009-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى ۋەخپىگە ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن 2021-يىلى 9-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى فوندى جەمئىيەت سۈپىتىدە ئەنگە ئىلىنغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.