ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يىغىندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلىنغان

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىستانبۇلدا چاقىرغان ئىككى مۇھىم يىغىندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ خىزمەت پىلانىدىن سىرت، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ قېلىشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى.

مەزكۇر قارارلار 2-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان. بىز بۇ قارارلار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ئالدى بىلەن 16-سېنتەبىردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كېڭىشىدە ئاكادېمىيەنىڭ تەشكىلىي خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش، پەن-مائارىپ ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ۋە سىياسىي خىزمەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن قانات يايدۇرۇش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشى» ماۋزۇلۇق يىغىندا، ھەر قايسىي دۆلەتلەردىن كەلگەن يۈزدىن ئارتۇق ئىلمىي خادىملار، مۇتەخەسسىسلەرۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئىككى كۈن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ جەرياندا مۇھىم تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، بۇ تەكلىپ-پىكىرلەرنى رەتلەپ چىقىپ، ئاكادېمىيە نامىدىن تۆۋەندىكىدەك قارار چىقارغانلىقىنى تەكىتلىدى:

«مۇنداق بەش مۇھىم قارار چىقىرىلدى: بىرىنچى، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تېخى ئېتىراپ قىلمىغان دۆلەتلەرگە قارىتا لوبىيچىلىك ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىش؛ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ دۇنياغا خەۋپ ۋە تەھدىت ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە چۈشەندۈرۈش؛ ئۇلارنىڭ خىتايغا ئېمبارگو قويۇشنى قولغا كەلتۈرۈش.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىستانبۇلدا چاقىرغان ئىككى مۇھىم يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.

ئىككىنچى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاتقۇزۇش؛ ھەر قايسىي دۆلەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ھەققىدە خەلقئارا ئەھدىنامىلارگە ئاساسەن خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ۋە قانۇن چىقىرىشقا قىستاش.

ئۈچىنچى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر مۇستەملىكە دۆلەت ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا ئاساسەن دوكلات تەييارلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش.

تۆتىنچى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قانداق ئاڭلىتىش مەسىلىسىدە، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توغرا مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىستانبۇلدا چاقىرغان ئىككى مۇھىم يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.

بەشىنچى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قانداق ئېلىپ بېرىش؛ دەۋانىڭ ئىقتىساد مەنبەسىنى قانداق كۈچەيتىش؛ كېلەچەكتە كوممۇنىست خىتاي يېمىرىلگەن تەقدىردە قايسى شەكىلدە مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا ئېلىش ۋە بۇنىڭغا قانداق تەييارلىق قىلىش؛ ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە بىر يۈرۈش قارارلارنى چىقاردۇق.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دوكتور مەمەتئمىن ئابباس ئەپەندى بىزنىڭ «بۇ قارارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچى؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «يىغىن جەريانىدا چىقىرىلغان قارارلارغا ئاساسەن، قىسقا مۇددەتلىك جىددىي خىزمەتلەرگە نىسبەتەن سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىندى ۋە ئەمەلىي ئىش ھەرىكەتلەر باشلاندى. يېقىن كەلگۈسىدە خەلقىمىزگە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى سۇنۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەتلەرگە نىسبەتەن ھەرىكەت پىلانلىرىنى تۈزىۋاتىمىز. بۇ خىزمەتلەرنى پۇختا ھالدا قەدەم باسقۇچ بىلەن ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىمىز.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىستانبۇلدا چاقىرغان ئىككى مۇھىم يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 16-سېنتەبىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 تەك تەتقىقاتچى بىلەن ئىستانبۇلدا ئاچقان «3-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنى» غا ئامېرىكانىڭ گېرىتسىيە ۋە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن 5 نەپەر كىشى ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقۇرى باھا بەرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 17-18-سېنتەبىر كۈنلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە ئاچقان يىغىنغىمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتناشقاندىن سىرت، يەنە بەزى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ قاتنىشىپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.