ئامېرىكادا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە نەزەر» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋىرجىنىيە شىتاتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە نەزەر» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى قۇرۇلۇپ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇتەپپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى ۋە «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 34 يىللىقىغا بېغىشلاندى.

بۈگۈنكى بۇ يىغىندا دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن، دوكتور مەمەت ئىمىن، دوكتورانت مۇستاپا ئاقسۇ قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ھەمدە روشەن ئابباس، نۇرمەمەت مۇساباي، ئىرادە قەشقەرى قاتارلىق پائالىيەتچىلەر مەخسۇس تەمىلاردا دوكلات بەردى.

يىغىندا مۇھاكىمىگە قويۇلغان ماقالە ۋە دوكلاتلار تېما جەھەتتىن ئۈچ چوڭ ساھەگە بېغىشلانغان. نەبىجان تۇرسۇن، مۇستاپا ئاقسۇ قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتى يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ «قۇتاتغۇ بىلىگ» ناملىق ئەسىرى بويىچە، مەمەت ئىمىن، ئەنقەر ئەنۋەر، ئىرادە قەشقەرى قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ساغلاملىقى، ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، نۇرمەمەت مۇساباي، روشەن ئابباس قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتى 1985-يىلى دېكابىردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتايغا قارشى زور نامايىشى بويىچە ئوقۇلغان.

يىغىن باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن ئابلىز ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور پەيزۇللا زەيدۇن رىياسەتچىلىك قىلغان. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئابلىز ئابدۇقادىر «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەققىدە» ناملىق دوكلاتىنى تەقدىم قىلغان. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن.

دوكتور مەمەت ئىمىننىڭ بۈگۈنكى يىغىندا ئوقۇپ ئۆتكەن «خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق دوكلاتى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. ئاكتىۋال تېمىغا بېغىشلانغان مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزىۋاتقان يوقىرى بېسىملىق سىياسىتى، بولۇپمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىسمانىي ۋە روھىي زۇلۇملارنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۇزىۋاتقان بۇ زۇلۇملارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدىن سىرت يەنە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ئېلىپ كەلگەن مىسلىسىز ئېغىر تەسىرلىرىنى ئىلمىي ھەم پاكىتلىق ھالدا يورۇتۇپ بەرگەن.

يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور مەمەت ئىمىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كېسىپ تاشلىغانلىقىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزىز ۋەتىنى، ئانا تۇپرىقى، ئاتا-ئانا، ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە بارلىق يېقىن كىشىلىرى بىلەن بولغان بېغىنىڭ ئۈزۈلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنى يىتىم، تەنھا ۋە قۇرۇق ھەس قىلىشتەك پىسىخىكىلىق بېسىملار دۇچار بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ئىلمىي ۋە ئاممىۋىي پائالىيەتلىرى كۈنسايىن جانلانماقتىكەن. ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى 2009-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە بولغان 10 يىل جەريانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ ھەر يىلى تۈرلۈك تېمىلاردا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەم مەخسۇس تېمىلار بويىچە دوكلات بەرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەرقايسىي دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ قەرەللىك ھالدا ئۇلارغا چەتئەل تىلى، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى بويىچە تۈرلۈك كۇرس، لېكسىيە ھەم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى يەنە مەخسۇس ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ۋە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئامەرىكا ۋە ياۋروپادا شۆبىلىرىنى قۇرغان بولۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردە شۆبە ئورگانلىرىنى ئېچىشنى پىلان قىلماقتىكەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى بۇنىڭدىن كېيىن ئامەرىكادا ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنىڭ سانى كۆپ ھەم سەرخىل بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋە ئاممىۋىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدىكەن.