دوكتۇر رىشات ئابباس ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

0:00 / 0:00

11-دېكابىر شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۆزىنىڭ ھەرقايسىي ئەللەردىكى ئىلمىي خادىملىرى ۋە مەسئۇل كىشىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، ئاۋستىرالىيە، كانادا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق خادىملىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەرقايسىي دۆلەتلەردىكى شۆبە ئورگانلىرىنىڭ رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپلىرى، قۇتادغۇبىلىگ ئىنىستىتۇتى، خىتاينى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى ۋە ئانا تىل كومېتىتىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، 30 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر مەركىزى كومتېتىت ۋە ئۇنىڭ رەئىسى سايلاپ چىقىلغان. ئىككى كىشى رەئىسلىك نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھەر ئىككى نامزات ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ۋە ۋە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان خىزمەت لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سايلام نەتىجىسىدە دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى بىلەن مەزكۇر سايلام توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتۇر پەرھات ئەپەندى تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدا بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەقىسىتىدە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر مەركىزىي كومىتېت ھەمدە ئۇنىڭ رەئىسىنى سايلاپ چىققانلىقىنى، دوكتۇر رىشات ئابباسنىڭ رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىت قاراخان مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2009-يىلى 9-سېنتەبىردە قۇرۇلغان، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر يېڭى ئۈمىد مەنبەسى بولغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2017-يىلىغىچە بولغان 8 يىللىق ئەمەلىي خىزمەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىدى. شۇڭا بىز 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەسىرىنى تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيتىشنى پىلان قىلغان ئىدۇق. مۇشۇ پىلان بويىچە، تۈركىيەدىن باشقا يەنە ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئاۋسترالىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى، كانادا ۋە ياپۇنىيەدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى. ھازىرغىچە جەمئىي 7 دۆلەت ۋە قىتئەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى قۇرۇلدى، بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇ ئاكادېمىيەسى يەنە تەركىبىدە خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى، قۇتادغۇبىلىگ ئىنىستىتۇتى ۋە ئانا تىل كومىتېتلىى قۇرۇلدى.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەركىزى كومىتېتىغا يېڭىدىن رەئىس بولۇپ سايلانغان دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى توغرىسىدىكى سوئاللىرىمىزغا يازما شەكىلدە جاۋاپ بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يېڭى دەۋرىدە ئالدى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئورتاق تەتقىقات تۈرلىرىنى بىرگە ئىشلەش ئارقىلىق، ئاكادېمىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىدىكى رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە لوندوندا قۇرۇلغان مۇستەقىل ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىگە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيە ئەزالىرى سوتقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاش، تەرجىمە قىلىش ۋە تەھرىرلەشتە كۆپ تېرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە تېخىچە ئەزا بولمىغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش قىلىپ ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان زىيالىيلار قوشۇنىنى زورايتىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەلگۈسى ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنى پىلان قىلىۋاتىمىز.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم پىلانىنىڭ مەھمۇد قەشقەرى ئۇنىۋېرىستېتى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە جىددىي ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھەمىت قاراخان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، يەنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋە باشقا ھەيئەتلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللىي كۆرىشىمىزدىكى ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش، تۈركىيەدىكى سىياسىي شەخسلەر، دۆلەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھەر ساھەسىدىكى سەرخىل تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇنداقلا ياشلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق بىر قاتار ئەمەلىي خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقچى بولىۋاتىمىز.»