ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئەنقەرەدە ئۇيغۇر چەتئەللەردىكى ئاكادېمىكلارنى تونۇشتۇردى
2013.10.11

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خادىملىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئېلىم يۇرتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن، ئەنقەرەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئالىم-تەتقىقاتچىلارنى تونۇشتۇردى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇدىرى ئابلەت تۇران، ئامەرىكىدىن بارغان تېببىي دورا تەتقىقاتچىسى دوكتور رىشات ئابباس قاتارلىقلار 10-، 11-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئەنقەرەدىكى تۈرك ئىلىم تەتقىقات ۋەخپە تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق ئىدارىسى، تۈركىيە ساياھەت ۋە كۈلتۈر مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىپ بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابلەت تۇران ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر زىيالىيلار بىلەن تۈرك زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.