غۇلجادا تۇتۇپ قېلىنغان ئامېرىكالىق ئۇيغۇر بالا ھەمداننىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ ئەنگلىيەدىكى دادىسىنى ئەندىشىگە سالماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.03.20
Hemdan-xushtar-patigul-sadiqjan.jpg ئامېرىكاغا قايتىپ كېلەلمىگەن ئامېرىكا پۇقراسى ھەمداننىڭ پاسپورتى.
Xushtar Rishit teminligen

ھەمدان خۇشتار 2015‏-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكانىڭ ۋىرىگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ خىتاي گىراژدانى بولغان ئانىسى پاتىگۈل سادىقجان ئوغلى ھەمدانغا ئامېرىكانىڭ تۇغۇلۇش گۇۋاھنامىسى ۋە پاسپورتىنى بېجىرىپ، شۇ يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا 2 ئايلىق ھەمداننى ئېلىپ يۇرتى غۇلجاغا قايتىپ بارىدۇ. ئەمما بۇ ئۇنىڭ غۇلجاغا ئاخىرقى قېتىم قايتىشى ئەمەس ئىدى. پاتىگۈل 2016‏-يىلى 2‏-قېتىم ئوغلىنى ئېلىپ ئامېرىكاغا قايتىپ كېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە غۇلجاغا قايتىشىدا ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق يولدىشى بىلەن تۈركىيەدە ئۇچراشقان. ئۇ يولدىشى بىلەن تۈركىيەدە 6 ئايدەك تۇرۇپ، 2017‏-يىلى 3‏-ئايدا غۇلجاغا قايتىشىدا ۋەزىيەت ئۆزگەرگەن ئىدى.

پاتىگۈل تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، رايوندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغان مەزگىلدە غۇلجاغا قايتىدۇ. ئۇ ئەينى چاغدا بۇ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى قېتىم چەتئەلگە چىقىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى.

بۇ يىل 3 يېرىم ياشقا كىرگەن ھەمداننىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق دادىسى-خۇشتار رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا ئىكەن. خۇشتار رىشىت 19‏-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئايالى ۋە ئوغلىنىڭ ئەھۋالىغا دائىر تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئايالىنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغاچقا كىچىك ھەمدان ئامېرىكاغا قايتىپ كېلەلمىگەن.

خۇشتار رىشىت مۇنداق دېدى: «ئالاقە ئۈزۈلۈپ كەتمىدى، ئوغلۇم بىلەن ئۈندىداردا كۆرۈشۈپ تۇرىمەن. ئەلۋەتتە تىلى چىقىپ گەپ قىلغۇدەك بولۇپ كەتتى. ئايالىم بېقىۋاتاتتى. بۇ دورەم يەسلىگە باردى. ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدۇ. 4 ياشقا كىرەي، دېدى. 2016‏-يىلى ۋەتەنگە قايتقاندا، ئامېرىكادا قايتىش گۇۋاھنامىسىگە ئىلتىماس قىلسا خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنەرسە كەم، بۇ نەرسە كەم، دەپ بەرمەپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەگە بېرىپ، تۈركىيەدە گۇۋاھنامىنى ئېلىپ ۋەتەنگە ئېلىپ مېڭىپتىكەن».

مۇخبىر: ۋەتەنگە بارغاندىچۇ؟، ۋەتەنگە بارغاندا قانداق بولدى؟

خۇشتار رىشىت: «بالىنى قوش نوپۇس، دەپ ھېسابلايدىكەن. لېكىن نەگە ئاپارسا مەيلى كونسۇلخانا ياكى ساقچى ئىدارىسىگە بارسا، خىتايلار بالىنى ئامېرىكالىق، دەپ ھېسابلايدىكەن. بالىنىڭ ئامېرىكالىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن. بالىنىڭ پاسپورتى 5 يىللىق ئەمەسمۇ؟، 2020‏-يىلى توشىدۇ، توشۇشتىن بۇرۇن چىقىۋالسا بولاتتى».

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاتىگۈل خانىم ئوغلىنى 2016‏-يىلى ئامېرىكاغا 2‏-قېتىم ئېلىپ كەلگەن. ئۇلار ئامېرىكادا تۇرغان ئۆينىڭ ئىگىسى بىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ 2‏-قېتىم ھەمدانغا ۋاكسىنا ئەملەشكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇ كۈنلىرى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ تۇردى. مېنىڭ بىر ئېغىز ئۆيۈم بىكار بولغاندىن كېيىن مەن قوشنىدارچىلىق قىلىپ، مەن ھەقسىز تۇرغۇزغان. ئاساسەن بىر 20 نەچچە كۈندەك، داۋاملىق تۇرمىدى. بىزنىڭكىدە تۇرغاندا بالىسى 7-8 ئايلىق بولۇپتىكەن. . . . . . . . . . مەن ئامېرىكا پاسپورتلىرىنى كۆرمىدىم. لېكىن مۇشۇ يەردە تۇغۇلدى، دېدى. 2‏-قېتىم ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇشقا كەپتىكەنغۇ؟. . . . . .».

ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار ھەمداننىڭ مەسىلىسىگە ئارىلىشالمايدىكەن. چۈنكى، ھەمداننىڭ ئانىسى خىتايغا قايتقاندا ئۇنىڭغا خىتاينىڭ بىر قېتىملىق قايتىش ساياھەت گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ، خىتايغا شۇنىڭ بىلەن كىرگەن ئىكەن. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى 2018‏-يىلى 10‏-ئايدا خۇشتار رىشىتقا يازغان مەكتۇپىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى قوش گىراژدانلىقنى ئېتىراپ قىلمىغاچقا شۇنىڭدەك ھەمدان خىتايغا ئۇنىڭ ساياھەت گۇۋاھنامىسى بىلەن كىرگەچكە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن ھەمدانغا دىپلوماتىك ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھەمدان ئۆزىنىڭ ئامېرىكا پاسپورتىغا ئىناۋەتلىك خىتاي ۋىزىسى قويدۇرمىغاچقا، ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتاي گىراژدانى دەپ قارىلىدۇ ۋە خىتاي ئۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي كونسۇل كېلىشىمىگە ئاساسەن ئامېرىكا گىراژدانلىرى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇش ھەققى يوق دەپ قارايدۇ».

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھەمدان خىتايغا قانداق گۇۋاھنامە بىلەن كىرسە كىرسۇن، بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا گىراژدانلىقىنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پاتىگۈل 2‏-قېتىم غۇلجاغا قايتقاندا ئۇنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنىپلا قالماي، ئۇنىڭ دادىسى، غۇلجادىكى ئاتاقلىق تىجارەتچى سادىقجان تۇتقۇن قىلىنغان. يېقىندا رادىيومىزنىڭ مۇخبىرى سادىقجاننىڭ غۇلجادىكى شەھەرلىك كەندىر زاۋۇتى يېنىغا جايلاشقان «1‏-نومۇرلۇقلارنى تەربىيەلەش لاگېرى» غا قامالغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

خۇشتار رىشىتنىڭ 20‏-مارت مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 19‏-مارت كۈنى ئۇنىڭ ئۇستىدىن سوت ئاچقان. خۇشتار رىشىت، قېيناتىسىنىڭ تۈركىيەگە چىقىش، مەكتەپ ئېچىش، باشقىلارغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇشتار رىشىت: «تۈنۈگۈن سوت ئېچىپتىكەنتۇق. سوت ئېچىپ تۈركىيەدە توي قىلغان ئىشنىمۇ دەپتۇ. ئىشقىلىپ 3 خىل ئىش بار، دەپتۇ. تۈركىيەگە تويغا چىققاننىڭ، مەكتەپ سالغاننىڭ، ئاندىن كېيىن خەقلەرگە ياردەم قىلغان ئىشلارنى دەپ، سوت ئېچىپ بولۇپتۇ، لېكىن ھۆكۈم ئېلان قىلماپتۇ. ساقىھاجىممۇ شۇنىڭ بىلەن بىركەن. شۇ ئىككىسىنىڭ دېلوسى ئوخشاشكەن. ئىككىسى بىللە ئىكەن. تۈنۈگۈن بوپتۇ سوت 19‏-چېسلا. لېكىن ھۆكۈم ئېلان قىلماپتۇ، يەنە 3-4 كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىمىز، دەپتۇ».

خۇشتار رىشىت بىلەن پاتىگۈل سادىقجان ئەنگلىيەدە تونۇشۇپ، 2014‏-يىلى تۈركىيەدە توي قىلغان. ئەينى چاغدا سادىقجان ئايالى بىلەن تۈركىيەگە چىقىپ قىزىنىڭ تويىغا قاتناشقان. غۇلجادىكى ئاتاقلىق تىجارەتچىلەردىن 7-8 دەك كىشى ئەر-ئايال ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە شۇ قېتىم سادىقجانلارغا ھەمراھ بولۇپ تۈركىيەگە چىققان تىجارەتچىلەرنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.