«ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپىدىكى سىناق نۇقتىسى بولماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.09.09
Uyghur-ana-til-tor-mektipi-1 ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى
ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى

 خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش پىلانىنى قەدەممۇ-قەدەم ئىجرا قىلىشقا باشلىغان، يەنى دەسلەپتە «قوش تىل مائارىپى» نى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن يىراقلاشتۇرغان بولسا؛ 2016-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلىدىن باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە سولىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىرتتا قالغان بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئېلىپ كەتكەن.

رادىيومىز دەلىللىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەكتەپلەردە ئاساسەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار دەرس بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دەرسلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك خىتاي تىلىدا ئۆتۈلمەكتىكەن.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتىدا ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلار قوشۇنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئانا تىل مەكتەپلىرى ئېچىش، ئىمكانىيىتى يار بەرگەن جايلاردا ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب نەشر قىلىش ۋە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى تور خەزىنىسى شەكلىدە ساقلاپ قېلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇشقا باشلىغان.

تۈركىيەدە 2020-يىلى قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» ئەنە ئاشۇ تەخىرسىزلىكنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان مەكتەپلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدا بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ۋەتەن سىرتىدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ زامان-ماكان چەكلىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتكەن ھالدا تەرەققىي قىلىشى، ئائىلە ئانا تىل مائارىپىنىڭ سىستېمىلىشىشى ۋە ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشى ئۈچۈن، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەستايىدىل پىلانلاش ۋە تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە، ئەۋلاد گۇرۇپپىسى، تاشئالما ئانا تىل دەرسخانىسى ۋە ئايخان مائارىپى ھەمكارلىقىدا ‹ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى› رەسمىي قۇرۇلدى.»

ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق گۈلنار ئىمام خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى بالىلارغا ئۆگىتىشنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم قورال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئائىلە ئانا تىل مائارىپى يېتەكچىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىككى پەرزەنتىنى ئائىلىدە تەربىيەلىگەن ئىكەن. ئۇ مۇشۇ تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، بالىلارنىڭ ئۆز كىملىكى بىلەن چوڭ بولۇشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى، تۈركولوگىيە پەنلىرى دوكتورى رابىگۈل ھاجىمۇھەممەت خانىم ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام ئىلىش كۈنلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنى «ناھايىتى قالتىس بالىلار» دەپ ئاتىدى. رابىگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، بالىلارغا ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچەيدىكەن. ئۇ يەنە دەرس جەريانىدا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا قىلغان بالىلارچە چاقچاقلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» مۇھاجىرەتتىكى ئەڭ مۇنتىزىم، سىستېمىلاشقان ئۇيغۇر تىلى مائارىپىدىكى تور مەكتىپى بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر مەكتەپتە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تارىخى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلىدىكەن.

گۈلنار خانىم بۇ تور مەكتىپىنىڭ ۋە ئائىلىدىكى بالىلار تەربىيەسىنىڭ نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن بىر سىناق ئىكەنلىكىنى، بالىلارغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىشنىڭ ناھايىتى تەخىرسىزلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىلدۈرگەن ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتىپىگە ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇنتىزىم مائارىپنى مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ياخشى ئۆرنىكى، دەپ قارايدىكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىپارخاننى زىيارەت قىلدۇق. بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن ئىپارخان مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ كىتابلىرىنى ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىكەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىشىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، زىيارىتىمىز جەريانىدا «ئادارخان» ناملىق خەلق ناخشىسىدىن ئارىيە ئورۇنداپ بەردى.

گۈلنار خانىم، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

رابىگۈل خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ھەتتا ئائىلە تىلىمۇ بولالمايۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى بىز چەت ئەلدە ئەركىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىمىزدە بالىلىرىمىزغا ئىشلەتمەسلىكىمىز بەكمۇ ئېچىنىشلىق. ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش، پۈتۈنلەي بىز ئاتا-ئانىلارغا باغلىق.»

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» پەقەت توردا دەرس ئۆتۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە بالىلارنىڭ ئۆگەنگەن ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشىگە سەھنە يارىتىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئۇلار ھەر يىلى «مەن — ناتىق» ئۇيغۇر غۇنچىلىرى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ يىللىق نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئەسەر قوبۇل قىلىش 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلاشقان. نەتىجىسى 10-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى ئېلان قىلىنىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» نىڭ بۇ يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ۋە باشلانغۇچ 6-يىللىقنى تۈگەتكەن بالىلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققانلىقنى ئېلان قېلىش مۇراسىمى، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى، يەنى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

 «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» دىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش جەريانىدىكى ھېسسىياتلىرىغا ۋە باشلانغۇچنى تۈگىتىپ تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندىكى ھاياجانلىرىغا ئورتاقلىشىشىنى خالىسىڭىز، پىروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.