يېقىنقى يىللاردا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئېھتىياجى كۈچىيىپ، پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر ئانا تىلىدا ۋە ئۇيغۇر كىملىكى بويىچە تەربىيەلەش دولقۇنى قوزغالدى. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە رايونلاردا «شەنبە يەكشەنبىلىك ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى» قۇرۇلغان بولسا، ئۇيغۇرلار نىسبەتەن ئاز ۋە تارقاق جايلاشقان دۆلەت ۋە رايونلاردا، تور ئارقىلىق تەربىيەلەش كۇرسلىرى قۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇيغۇر تېلىدا تېخنىكىلىق ماھارەتلەرنى ئىگىلەش پۇرسەتلىرى يارىتىلماقتا.
بۇ تور مەكتەپلىرىنىڭ بىرى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان « بىلىمخۇمار ئانا تىل تور دەرسخانىسى» ۋە « مەڭگۈ تەك تەربىيەلەش مەركىزى» دۇر. بۇ تور مەكتىپى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى دوكتور مەمەتجان ياسىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئارزۇگۈل رەخمەتۇللا تەرىپىدىن 2020-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، كانادا، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تارقاق جايلاشقان كىچىك شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇيغۇر تېلىدا تېخنىكىلىق ماھارەتلەرنى ئىگىلەش پۇرسەتلىرى ياراتقان. مەزكۇر مەكتەپتە دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلاردىن دوكتور مەمەتجان ياسىن ئەپەندى، ئوقۇتقۇچىلاردىن دىلنۇر خانىم ۋە گۈلزىنە خانىملار، 6-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى، ئامېرىكانىڭ ۋېرجىنىيە ئىشتاتى فايىرفاكىس شەھىرىدىكى « مېھرىبان ئانىلار ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» دە ئۆتكۈزۈلگەن، «ئۇيغۇر مىراس تىلى يەنى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار شۇ قېتىمقى يىغىندا تور مەكتەپلىرى ۋە تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشتىكى تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى.
دوكتور مەمەتجان ياسىن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2020-يىلى كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدە قۇرۇلغان «بىلىمخۇمار ئانا تىل تور دەرسخانىسى» ۋە 2023-يىلى قۇرۇلغان «مەڭگۈ تەك تەربىيەلەش مەركىزى» ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى تور دەرسخانىسىدا ئۇيغۇر ئانا تىلى، كومپيۇتېر بىلىملىرى، ئىنگلىز تىلى، دىنىي ساۋات ۋە ئەخلاق دەرسلىرى تۈرلىرى بويىچە 17 خىل دەرس تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلدىن باشلاپ، ھەقسىز دەرس ئۆتۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بۇ تور مەكتىپىدە، ھازىرغا قەدەر بىرقانچە قارار ئوقۇغۇچى ئوقۇغان بولۇپ، بۇ تور دەرسخانىلىرى، ئۇيغۇرلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ياشلىرى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئانا تىلىدا تەربىيەلىنىش، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىلىرىنى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش پۇرسىتى ياراتقان ئىكەن.
«بىلىمخۇمار ئانا تىل تور دەرسخانىسى» نىڭ مەسئۇلى بولغان ئارزۇگۈل رەخمەتۇللا خانىم ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن دىلنۇر ئەنۋەر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تور مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات بەردى.
ئارزۇگۈل رەخمەتۇللا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تور مەكتىپى 2020-يىلىدىكى كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدە قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كوۋىد يۇقۇمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ تەلىپى بىلەن مەكتەپ يەنىلا داۋاملاشقان. كېيىنچە دەرس تۈرلىرى بارغانچە كېڭىيىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە پەقەت ئۇيغۇر ئانا تىلى تور دەرسخانىسىدىكى بالىلارنىڭلا سانى 80 دىن ئاشقان.
ئارزۇگۈل خانىم يەنە بالىلارغا تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تور ئارقىلىق ئۆتۈلگەن دەرسلەردە رايون چەكلىمىسى بولماسلىق، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىش ۋاقتىنىڭ تېجىلىشى، دەرسكە قاتنىشىش ۋاقتىنىڭ مۇقىم ۋە مۇنتىزىم بولۇشى، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېكران ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشتىكى ئەۋزەل پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، دەرسلەرنى كارتون رەسىملىرى ئارقىلىق، ھېكايە شەكلىدە قىزىقارلىق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلىشى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغان. بۇ تور دەرسخانىسى ئېكراندا بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشكەن بالىلارنى، بىر-بىرىدىن سوئال سوراش، سۆزلەش ئارقىلىق، ئۆز-ئارا ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئەۋزەل شارائىتلارغا ئىگە ئىكەن.
ئۈچ يىلدىن بۇيان ئانا تىل تور مەكتىپىدە دەرس ئۆتۈشنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن دىلنۇر ئەنۋەر خانىم ئۆزى دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلى 5-6 ياشلاردا ئېلىپبە ئارقىلىق ئانا تىل ئۆگىنىشىنى باشلىغان بەزى ئوقۇغۇچىلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان ۋە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن ئىكەن.
دوكتور مەمەتجان ياسىن ئەپەندى ۋە ئارزۇگۈل رەخمەتۇللا خانىم زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە «بىلىمخۇمار ئانا تىل تور دەرسخانىسى» ۋە «مەڭگۈ تەك تەربىيەلەش مەركىزى» گە تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭ تور ئارقىلىق تىزىملاتسا قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.