خىتاينىڭ يېڭى ئاشلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.01.10
Uyghur-ashliq-bughday ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، (ۋاقتى ئورنى ئېنىق ئەمەس)
chinadaily.com.cn

 خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ يېڭى ئاشلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ۋە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«شىنخۇا تورى» نىڭ 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاشلىق ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىليون 372 مىڭ موغا يېتىپ، خىتايدىكى ئومۇمى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 61.4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 20 مىليون توننادىن ئېشىپ، ئاشلىق ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىلغان بىر يىل بولغان. ھالبۇكى، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كېۋەزلىك كۆلىمى ئۆتكەن يىلقىدىن زور دەرىجىدە قىسقىراپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورنى، تۆت پەسلى روشەن بولغان ئىقلىمى، كەڭ كەتكەن مۇنبەت تۇپرىقى ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، شۇنىڭدەك «بەش چوڭ چارۋىچىلىق بازىسى» نىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەسىنى تېزلىكتە يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski)، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق (يېمەكلىك) سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدە خەلقئارادا يەر شارىلىشىشقا قارشى ئېقىمنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئامېرىكانىڭ پاختىنى نىشان قىلغان ئېمبارگو تەدبىرىنىڭ تەسىرىدىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:

«مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان ئاشلىق سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئىككى مۇھىم سەۋەبى بار. بۇنىڭ بىرىنچىسى نۆۋەتتە دۇنيادا  كەڭ ئەۋج ئالغان خەلقئارالىق يۈزلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى ھازىر نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەر، دۇنيادا يەر شارىلىشىشقا قارشى ئېقىم كۈچىيىپ، خەلقئارا تىجارەتكە چەكلىمە قۇيىدىغان، دۆلەتنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى مىللىي سانائەتكە مەركەزلىشىدىغان ئەھۋال كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. بۇ خىل ئەھۋال مال ۋە تاۋارلارنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى (ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىلىشىنى) تەشەببۇس قىلمايدۇ. بۇ تاۋارلارنىڭ خەلقئارالىق يۆتكىلىشىنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر دۇنيا ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلدى. مېنىڭچە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر بىر دۆلەتتە يېتەرلىك يېمەكلىك بولسا، ئۇ دۆلەت ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېمەكلىكىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۆستۈرۈپ، خەلقىڭىزنىڭ يېمەكلىك ئېھتىياجىنى ئۆزىڭىز تەمىنلىسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنى بەكمۇ بىخەتەر ھېس قىلىسىز. بۇ ئەھۋالدا سىز باشقا دۆلەتلەرگە تايىنىپ قالمايسىز. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ئاشلىق (يېمەكلىك) سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە گېئو-ئىستراتېگىيەلىك (geostrategic) سەۋەبلىرىمۇ بار. خىتاينىڭ ئاشلىق (يېمەكلىك) سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە كۆپلىگەن ئانالىزلار بار. سىز بۇ تەھلىللەرگە قارىسىڭىز، مەن بىز ئاز بۇرۇن دېگەندەك، خىتاينىڭ ئاشلىق (يېمەكلىك) سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ پەقەت يەر شارىلىشىش ھەرىكىتى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى كۆرىسىز. خىتايدىكى ئاشلىق (يېمەكلىك) سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئامېرىكانىڭ پاختىنى نىشان قىلغان جازاسىنىڭ تەسىرىمۇ بەك چوڭ». 

 «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ زور قىسمى كېۋەزلىكلەردىن ئۆزگەرتىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى دېھقانلارنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە ئىكەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ بايقۇت ۋە چەكلىمىلىرىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقى بىلىنمەكتە.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى دەپ قارىلىۋاتقان ۋە خەلقنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە بولغان ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «1960-يىللاردا خىتايدا ئاچارچىلىق بولۇپ 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ئىدى. خىتايدا بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شەرقى تۈركىستاننى ئاشلىق بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى.»

خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ فېڭتيەن، ئاشلىقتا ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

2023-يىلىدىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «8 چوڭ كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش توپى» نى قۇرۇپ چىققان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، پاختا توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئاشلىق، مېۋە-چىۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr)خىتاينىڭ يېڭى ئاشلىق سىياسىي ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسەن ماشىنىلاشقانلىقىنى، ئۇنىڭ كۆپ ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:

«خىتاينىڭ ئاشلىق سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە ھازىر ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ماشىنا بىلەن تېرىلىدۇ. يەنى خىتاي ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ماشىنىلاشتۇرىدۇ. پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ماشىنا بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بىر چوڭ بۇرۇلۇش. ئەگەر بىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئېھتىياجلىق ئادەم كۈچى بىلەن پاختا، پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق ئەمگەك كۈچىنى سېلىشتۇرساق، ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقنى بىلەلەيمىز. مەنچە، پاختا، پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىشى ناھايىتى كۆپ ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلسا، ئاشلىق ئىشلەپچىقارغاندا ئۇنچىلىك ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. بۇ ئۆزگىرىش ئۇيغۇرلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ».

ھالبۇكى، تۈركىيە سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادىل ئەرئۇيغۇر خىتاينىڭ يېڭى ئاشلىق سىياسىتىنىڭ پەقەت ئىشسىزلىق ۋە مۇھىتقىلا سەلبىي تەسىرى بولۇپ قالماي، بەلكى بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مىللىي كىملىكىگىمۇ زور سەلبىي تەسىرلەرنى ئىلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ بۇلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە چۈشىنىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، خىتايدا جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.