قازاقىستاندا نەشر قىلىنىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» جەمئىيەتلىك-سىياسىي گېزىتىنىڭ 2023-يىلقى تۇنجى سانى يورۇق كۆردى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر گېزىتنىڭ بۇ يىللىق مۇشتەرى توپلاشتا رېكورت ياراتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى خوش قىلدى.
قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى مەملىكەتنىڭ بارلىق جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇشتەرى بولۇپ ئوقۇيدىغان گېزىتىدۇر. بۇ گېزىت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، يەنى 1957-يىلدىن ئېتىبارەن نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، دەسلەپتە «كوممۇنىزىم تۇغى» دېگەن نامدا، 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن «ئۇيغۇر ئاۋازى» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنىپ كەلمەكتە.
گېزىتنىڭ 5-يانۋاردا چىققان سانىدا ئۇنىڭ بۇ يىلقى مۇشتەرىلەر سانىنىڭ 16 مىڭ 245 كە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى ئالىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئېرشات ئەسمەتوفنى زىيارەت قىلدۇق.
ئېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەڭ ئابرۇيلۇق ۋە ئاساسلىق نەشر ئەبكارلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇ گېزىتىنىڭ مەملىكەتتە نەشر قىلىنىۋاتقان باشقا كۆپلىگەن گېزىتلەر ئارىسىدا خېلى زور تەسىرگە ۋە تارقىلىش دائىرىسىگە ئىگە گېزىت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭمۇ مەزكۇر گېزىتقا ھۆرمەت بىلەن قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتى پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى يورۇتۇپلا قالماي، بەلكى يەنە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكىي ۋە تاشقىي سىياسىتىنى، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ ئىشلىرىنى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پروگراممىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، تەرغىب قىلىش يولىدا ناھايىتى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ كېلىۋاتقان گېزىتدۇر. ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› ئۇيغۇرلار ناھايىتى تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغان ۋە ئوقۇيدىغان گېزىت. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر يىلى مۇشتەرى توپلاش پەيتىدە ئۇنىڭغا يېزىلىشقا ئالدىرايدۇ. ئەلۋەتتە، كېيىنكى يىللاردا ئومۇمەن قازاقىستان دىيارىدا گېزىت-ژۇرناللارغا بولغان كۆز قاراش سەل ئازايدى. ئەمما ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› قىيىن يىللاردا، بولۇپمۇ كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى پەيتىدە تارقىلىشى ئەكسىنچە ئۆسۈپ، قازاقىستاندىكى تارقىلىشى ئەڭ كۆپ بولغان بەش چوڭ گېزىتنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. بىز گېزىتىمىزنىڭ ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدىكى تارقىلىش سانىنى بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئىدۇق، شۇ يىلى 16 مىڭ 23 نۇسخا تىراژ بىلەن چىققان ئىدى.»
ئېرشات ئەسمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، گېزىت مۇشتەرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ، يەنى ئانا تىلىغا، مىللىي مەتبۇئاتىغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ كۈچىيىشى ئاساسىي سەۋەب بولماقتىكەن. ئۇ يەنە جەمئىيەتلىك ئىشلار ئاكتىپلىرىنىڭ، يەنى يىگىت باشلىرىنىڭ، خانىم-قىزلارنىڭ، ياشلارنىڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئېرشات ئەسمەتوف بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى «تۇران» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروفنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قۇرۇلغان مۇشتەرى توپلاش شتابىنىڭ ئىشىنىمۇ يۇقۇرى باھالىدى. مەزكۇر شتابنىڭ جاي-جايلاردا شۆبىلىرى قۇرۇلۇپ، 500 دەك كىشى بۇنىڭ ۋەكىللىرىگە قوشۇلۇپ، يۇرت ئاكتىپلىرى ۋە باشقىلارنى ھېسابلىغاندا مىڭغا يېقىن ئادەم بېۋاسىتە مۇشتەرى توپلاش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن.

ئېرشات ئەسمەتوف «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ئالدىدا يەنە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى نۇرجامال ھەسەنوۋا خانىم ناھىيەنىڭ چېلەك تەۋەسىدىكى يۇرت ئاكتىپلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا «ئۇيغۇر ئاۋازى» غا مۇشتەرىلەر سانىنىڭ ئۆتكەن يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا 200 دىن ئارتۇق كۆپەيگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر ئاۋازى›-بۇ بىزنىڭ ئاۋازىمىزدۇر دەپ، مۇشتەرى توپلاشتا ھەر كۈنى بىزنىڭ جانكۆيەرلىرىمىز ھاۋارايىنىڭ سوغۇقلىقىغىمۇ قارىماستىن، ئۆيمۇ-ئۆي مېڭىپ، خەلقىمىز بىلەن تىل تېپىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىش بىلەرمەن، ئۇيۇشچانلىقىنى كۆرسەتتى. پوچتا خادىملىرى بىلەن ئولتۇرۇپ، چېلەك يېزىسىدا بارلىق كۈچىنى سالغان تەجرىبىلىك، جانكۆيەر ھەدىمىز خاتەم كاۋاشېۋا، قازپوچتا ئالاقىسىدا ئىشلەۋاتقان قىزىل شەرق مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى تىللابۈۋى مامىيېۋا ئارقىلىق، بىز ھەر كۈنى يېزىلىۋاتقان مۇشتەرىلەر سانىنى ئېنىقلاپ تۇردۇق. ھامىيلىرىمىزمۇ چەتتە قالغىنى يوق. ئاتاپ ئېيتقاندا، ‹ئاليانسترانگاز› شىركىتىنىڭ باشلىقى شاھرۇل ئاكا راشېتوف، ئىشبىلەرمەن ئابدۇشۈكۈر ئىلاخۇنوف، مىزەنگۈل ئاۋامىسىموۋا ۋە باشقا چېلەك تەۋەسى يېزىلىرىمىزدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان جانكۆيەرلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىتىگە بولغان غۇرۇرىنى ئۈستۈن تۇتۇپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالى تۆۋەن، گېزىتكە يېزىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق يۇرتاشلىرىمىزغا ياردىمىنى كۆرسەتتى.»
نۇرجامال ھەسەنوۋا يەنە مۇشتەرىلەر سانىنى كۆپەيتىشكە ئاكتىپ قاتناشقانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ «ئۇيغۇر ئاۋازى» سەھىپىلىرىدە ئانا تىلى، مىللىي سەنئەت، مائارىپ، ئەدەبىيات، تارىخ، تەنھەرىكەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەر بويىچە قىزىقارلىق ماقالىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز بېرىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاندا يەنە ئۇيغۇر تىلىدا «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتى، «ئىنتىزار»، «ئىجاتكار»، «غۇنچە» ژورناللىرى نەشر قىلىنىپ تۇرماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى»، «قەدەم» ناملىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى مەۋجۇت. بۇ تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەپ كەلمەكتە.