كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك سىياسىي-ئىجتىمائىي «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ مۇشتەرىلەر سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر ئاۋازى» پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خىراجەت ئاجرىتىلىپ چىقىدىغان بىردىن-بىر گېزىت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. سوۋېت دەۋرىدە مەزكۇر گېزىت «كوممۇنىزم تۇغى» نامى ئاستىدا 1957-يىلدىن باشلاپ تا 1991-يىلغىچە، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەنگە قەدەر نەشر قىلىنىپ، كېيىن «ئۇيغۇر ئاۋازى» دەپ يېڭى نام ئالغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئاساسەن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە تارقىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشتەرىلەر سانى ئاخىرقى ۋاقىتلاردا 12-14 مىڭ ئەتراپىدا بولغان.
ھازىر «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى مۇشتەرىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە قانداق ھەرىكەتلەر قىلىنىۋاتىدۇ؟
بىز «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان بۇ گېزىتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلارغا، زىيالىيلارغا، بىرىنچى نۆۋەتتە، گېزىت كوللېكتىپىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇشتەرىلەر سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھەر خىل ئىشلارنىڭ قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىلى فېۋرالدىن باشلاپ مۇشتەرى توپلاش شتابى دېگەن نام بىلەن مەركەز قۇردۇق. ئۇنىڭغا رەئىس قىلىپ ‹تۇران دۇنياسى› جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ باشلىقى كارلىن مەخپىروفنى سايلىدۇق. شتابنىڭ بىرىنچى مەقسىتى مۇشتەرىلەر سانىنى كۆپەيتىش».
يېرشات ئەسمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلىك شتاب ئەزالىقىغا ئابلەت كامالوف، شەيمەردان شەرىپوف قاتارلىق تونۇلغان ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە گېزىتنىڭ جاۋابكار خادىملىرى جەلپ قىلىنغان ئىكەن.
يېرشات ئەسمەتوف يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ شتاب تەرغىبات-تەشۋىقات توپى سۈپىتىدە پۈتكۈل ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ھەر بىر يۇرتقا چىقىپ، شۇ يۇرتنىڭ ئىناۋەتلىك ئادەملىرى، يىگىت باشلىرى ۋە باشقىلار بىلەن ئۇچراشتى ۋە شىتابنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاپ قايتتى. ئەمدى بىز مۇشۇ ماڭغان يولىمىز بىلەن ئىككىنچى باسقۇچنى داۋام قىلىپ، مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزىمىز.»
يېرشات ئەسمەتوف مەزكۇر مۇشتەرى مەركەزلىرى ئىشىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى بېرىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ئىشقا بارلىق جامائەتچىلىكنى، زىيالىيلارنى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنى، يۇرت ئاكتىپلىرىنى جەلپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوفنىڭ پىكرىچە، بۇ يىلى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى يېنىدا مەخسۇس مۇشتەرى توپلاش شتابىنىڭ قۇرۇلۇشى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا يۈز بەرگەن چوڭ بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «سەۋەبى ئىلگىرى گېزىت خادىملىرى جاي-جايلارغا بېرىپ، مۇشتەرى توپلاش ئىشلىرىنى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇنداق كەڭ كۆلەمدە، مۇنداق مەقسەتلىك ھالدا تەرغىب-تەشۋىقات ئىشلىرى بىرىنچى قېتىم بولۇۋاتىدۇ. بۇ شىتابنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭغا ئالىملار جەلپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار گېزىت خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە يېزىلارغا، ناھىيەلەرگە بېرىپ، يۇرت-جامائەتچىلىك بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ ئىشلىدى. ئالىملار بۇ سەپەرلىرىدە پەقەت مۇشتەرى توپلاش ئىشى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئاھالە ئارىسىدىكى ئانا تىلى، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، سەنئەت ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنى تەتقىق قىلىشنى قولغا ئالدى.»
ئابلەت كامالوف شتاب ئۆمىكى تەركىبىدە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق، ئۇيغۇر، پانفىلوف ناھىيەلىرىگە بېرىپ، جامائەتچىلىك بىلەن ئۇچراشقان.
«شەخسەن مەن شتاب قۇرۇش مەقسىتىدە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ كۆپلىگەن يېزىلىرىدا بولۇپ قايتتىم. بۇ جەرياندا مەن خەلقىمىزنىڭ مىللەت تەقدىرىگە قانچىلىك كۆيۈنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ، كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قايتتىم. بۇ سەپەر جەريانىدا كۆزۈم يەتكىنى، كۆپلىگەن يېزىلاردىكى يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا، ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە بولغان ئىنتىلىشى مېنى خۇشال قىلدى ھەم ھاياجانلاندۇردى. مەن ئويلايمەنكى، بىز ئەنە شۇ يېزىلاردىكى ئاھالە بىلەن پات-پات ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى ئويلاندۇرىدىغان، تەشۋىشلەندۈرىدىغان مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەككەن.»
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا يەنە «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتى، شۇنداقلا «ئىنتىزار»، «ئىجادكار»، «غۇنچە»، «ئېھسان» قاتارلىق ژۇرناللار نەشر قىلىنىدىكەن. مەزكۇر نەشرلەر ئۆز مەبلىغى، شۇنداقلا جامائەتچىلىك ۋە ھامىيلار ھېسابىغا يورۇق كۆرمەكتىكەن.
0:00 / 0:00