26-ئىيۇندىن 29-ئىيۇن كۈنىگىچە بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلنىڭ شەھەر مەركىزىدە چوڭ چېدىر قۇرۇلۇپ، رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان. كۆرگەزمىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى مەزمۇن قىلىنغان رەسىم ۋە ھۆججەتلەر كۆرسىتىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يوقۇرى بېسىملىق زۇلۇملىرى پاش قىلىنغان.
شىۋېتسارىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى رافائېل گلۇكمان (Rafael Gluckmann) ئەپەندى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەيدى ھاۋتالا (Heidi Hautala) خانىمنىڭ ئورۇنباسارى قاتارلىق مۇھىم شەخىسلەر قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن. رەسىم كۆرگەزمىسى ئاخىرلىشىش ئالدىدا د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەركىن زۇنۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۈچ كۈن داۋاملاشقان رەسىم كۆرگەزمىسنى ياۋرو پارلامېنتى <ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپىسى> نىڭ رەئىسى رافائېل گلۇكمان ئەپەندى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەيدى ھاۋتالا خانىمنىڭ ئورۇنباسارى قاتارلىق مۇھىم شەخىسلەر كېلىپ كۆردى ۋە بىزگە مەدەت بەردى. بۇلاردىن سىرت تۈركلەرنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان <مىللىي گۆرۈش> تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئۆزجان ئەپەندى گېرمانىيەدىن ئالاھىدە كېلىپ كۆرگەزمىمىزنى ئايلىنىپ كۆردى ھەمدە بىزگە بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى. رەسىم كۆرگەزمىمىز ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىنىڭ يېنىدىكى مەيداندا بولغاچقا، ئۈچ كۈن جەريانىدا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى. مەنچە، بۇ ناھايىتى ئۈنۈملىك بىر پائالىيەت بولدى.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» ناملىق كۆرگەزمىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «كۆرگەزمە 4 تېمىدىن تەركىب تاپقان. بىرىنچىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك؛ ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن زىيانكەشلىكى؛ ئۈچىنچىسى، جازا لاگېرلىرى؛ تۆتىنچىسى، ئاياللار دۇچار بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقتۇر. كۆرگەزمىدە مۇشۇ تۆت مەزمۇننى ئاساس قىلغان 30 پارچىدىن كۆپ رەسىمگە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرىلىپ كۆرسىتىلدى. بۇ پائالىيەت گەرچە ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ رەسىملەرنى بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىمىزدىمۇ ئىشلەتمەكچىمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ ب د ت نى ئالداش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن 93-نۆۋەتلىك ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا ئېتىراپ قىلىنىپ دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن، د ئۇ ق جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ھۆججەتلەر بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. 2021-يىلى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ماددىي ياردىمى ئاستىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» نامىدا كۆرگەزمە ئېچىش خىزمىتى باشلانغان. زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ئىمەروف ئەپەندى بېريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى، كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزاسى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئالاھىدە قوللىغان. ئەركىن زۇنۇن ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ پائالىيەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن، ھەر دائىم ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا تۇرغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى» ناملىق كۆرگەزمە شىۋېتسارىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكەن يىلى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كېيىنكى ئايلاردا گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن، چېخىيە پايتەختى پراگا، شۇنداقلا گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.