ئالمۇتادا ئۇيغۇر ئايال رەسساملىرىنىڭ خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

2-نويابىردا ئالمۇتادا «ئەسىرلەر ساداسى» ماۋزۇسىدا خەلقارا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. قازاقىستاننىڭ مەركىزىي دۆلەت مۇزېيىدا ئېچىلغان بۇ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر ئايال رەسساملىرىنىڭ ئەسەرلىرى قويۇلدى. ئۇنى «دۇنيا سەنئىتى» زامانىۋىي سەنئەت گالېرېيەسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك بىرلەشمىسى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەن.

«دۇنيا سەنئىتى» ئون يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر مەركەزدۇر. بۇ نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئايال رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشى ۋە كۆرگەزمىنىڭ خەلقئارا دەرىجىدە ئۆتۈشى چوڭ يېڭىلىق دەپ قارالماقتا.

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئايال رەسساملارنىڭ خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىش مۇراسىمى، 2022-يىلى 2-نويابىر، ئالمۇتا.
ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئايال رەسساملارنىڭ خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىش مۇراسىمى، 2022-يىلى 2-نويابىر، ئالمۇتا. (RFA/Oyghan)

مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش قىسمىدا سۆزگە چىققان مۇزېي مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى غالىيا تېمىرتون كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىنى مۇبارەكلىدى. ئاندىن سۆزگە چىققان «دۇنيا سەنئىتى» زامانىۋىي سەنئەت گالېرېيەسىنىڭ مۇدىرى، مەدەنىيەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان گۇلىيېف كۆرگەزمە قاتناشقۇچىلىرىنى تونۇشتۇردى. باشقىمۇ ناتىقلار بۇ ۋەقەنىڭ زامانىۋىي ئۇيغۇر رەسسامچىلىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا، بولۇپمۇ ئايال رەسساملارنىڭ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھاكىمجان گۇلىيېف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، كۆرگەزمىگە ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، نورۋېگىيە، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان رەسساملار بولۇپ، 21 خانىم-قىزلار قاتناشقان. كۆرگەزمە ئىككى يۆنىلىشتە ئۆتكەن: بىرىنچى، زامانىۋىي تەسۋىرىي سەنئەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە موي قەلەم، گرافىكا ۋە باشقىمۇ تۈرلىرى كىرگەن. ئىككىنچىسى، ئاخىرىقى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ قازاقىستاندا راۋاجلىنىپ كېلىۋاتقان قول ھۆنەر، يەنى قاپاق بېزەش سەنئىتىدىن ئەسەرلەر قويۇلغان.

ھاكىمجانن گۇلىيېف «نېمە ئۈچۈن كۆرگەزمىگە پەقەت ئايال رەسساملارنىڭلا ئەسەرلىرى قويۇلدى؟» دېگەن كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرغان سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مەن مەشھۇر رەسسام، پەيلەسوپ، تارىخچى، سىياھەتچى كونستانتىن رېرىخنىڭ قوليازمىلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مۇشۇ ئىدىيە تۇغۇلدى. ئۇ 1923-يىلدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا سىياھەتتە بولدى. ئۇ بىزنىڭ بۇددىزمغا ئائىي مىڭ ئۆيلەردىكى كۆپلىگەن تەسۋىرىي رەسىملەرنى كۆرۈپ، شۇلارنى تەتقىق قىلىپ، شۇلاردىن بەھرىمان بولىدۇ. تۇرپاندا ئاياللارغا بېغىشلانغان مىڭ ئۆي تەسۋىرىي رەسىملىرىنى كۆرۈپ، ھەيران قالىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: ‹مىلادى7-8-ئەسىرلەردە ئانىلارغا بېغىشلانغان رەسىملەر پەيدا بولغان ئىكەن. ياۋروپادا بولسا، پەقەت 15-16-ئەسىردە يەنى 'مادوننا' ماۋزۇسى پەيدا بولغان.› شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئالغان تەسىراتلىرى ئاساسىدا بىر تۈركۈم كارتىنىلارنى يارىتىدۇ. ئاندىن كېيىن ‹تۇرپان ئانىسى› دېگەن ناھايىتى چوڭ ئەسەرنى يارىتىدۇ. ئۇ: ‹يېقىندا ئاياللار دەۋرى باشلىنىدۇ. سەۋەبى چولپان سەييارىسى يەرگە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. مانا شۇ ۋاقىتتا بارلىق ئاياللار ئورنىدىن دەس تۇرىدۇ ۋە ئەر كىشىلەرگە ياردەم بېرىدۇ› دېگەن پىكىرنى يازىدۇ.»

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئايال رەسساملارنىڭ خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش، ئوتتۇرىدىكى كىشى ھاكىمجان گۇلىيېف. 2022-يىلى 2-نويابىر، ئالمۇتا.
ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئايال رەسساملارنىڭ خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش، ئوتتۇرىدىكى كىشى ھاكىمجان گۇلىيېف. 2022-يىلى 2-نويابىر، ئالمۇتا. (RFA/Oyghan)

ھاكىمجان گۇلىيېف ئاياللارنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ بۈگۈنكى جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى باھالىدى.

ئۇ يەنە دۇنياغا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئايال رەسساملارنىڭ قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، ئۆز ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پۇلنىڭ، بايلىقنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئەمەس، بەلكى جاپاكەش خەلقىگە خىزمەت قىلىش يولىدا قەھرىمانلارچە ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ھاكىمجان گۇلىيېفنىڭ دېيىشىچە، بۇ كۆرگەزمىگە نامى تونۇلغان رەسساملاردىن ئامېرىكادىن گۈلباھار ھاشىموۋا، گېرمانىيەدىن مەرۋايىت ھاپىز، قازاقىستاندىن گۈزەل مەمەدىنوۋا ۋە مۇھەببەت ھىيتاخۇنوۋالارمۇ قاتناشقان ئىكەن. ئۇلار ئىچىدە شۇنىڭدەك تامارا ھېزىموۋا ئەڭ ياش بولغىنىغا قارىماي، تالانتلىق، ئىستىقباللىق رەسسام بولسا، ئەڭ چوڭى نۇربۈۋى مەڭسۈروۋا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رەسىم سىزىش ۋە قاپاق بېزەش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتىكەن.

ئۆزى بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى قازاقىستانغا كېلەلمىسىمۇ، ئەمما ئۈچ پارچە ئەسىرىنى يوللاپ، ئالمۇتادا ئېچىلغان كۆرگەزمىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان ھاكىمجان ئاكىمىزغا رەخمەت. بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشقان بارلىق تالانتلىق خانىملارنى چىن يۈرىكىمدىن تەبرىكلەيمەن. بۇ كۆرگەزمە ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ئايال سەنئەتكارلارنىڭ كۆرگەزمىسى. مەنچە، بۇ ئىنتايىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر چوڭ كۆرگەزمە دەپ ئويلايمەن. بۈگۈنكى بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزدە ئايال سەنئەتكارلارنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر ئايال سەنئەتكارلار نامىدا، يەنى «دەۋىر ساداسى» نامىدا بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى ھەقىقەتەن دەۋىر ساداسىغا لايىق بىر كەيپىياتنى نامايان قىلدى، دەپ ئويلايمەن. بۇ كۆرگەزمە نۇرغۇن ئاياللارنى، ئۇيغۇرلارنى خۇش قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارغا بىر ئۈمىد بېرىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسى رەسسام مەرۋايىت ھاپىز قاتناشقان ئۈچىنچى قېتىملىق كۆرگەزمە بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى شەخسىي كۆرگەزمىسى 1992-يىلى قاستېيېف نامىدىكى دۆلەتلىك سەنئەت مۇزېيىدا ئېچىلغان. 2000-يىلى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر «مىڭ ئۆي» رەسساملىرى ئۇيۇشتۇرغان رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، مەخسۇس نەشىر قىلىنغان توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئايال رەسساملارنىڭ خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 2-نويابىر، ئالمۇتا.
ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئايال رەسساملارنىڭ خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش، 2022-يىلى 2-نويابىر، ئالمۇتا. (RFA/Oyghan)

قازاقىستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى مۇھەببەت ھىيتاخۇنوۋا خانىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن خىلمۇ-خىل، باي ۋە تەسىرلىك بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق ئىستىلدا، ژانېردا، تېخنىكىلاردا ئىشلىگەن رەسساملار ئۆز ئەمگەكلىرىنى قويدى. مەسىلەن، ھەر ساھەدە ئىشلەيدىغان قىزلىرىمىز قاپاق چۆمۈچلەردىن، تېرىدىن ئىشلەنگەن ئەسەرلىرىنى، ماي بوياق، گرافىكا، كومپيۇتېرلىق گرافىكا ئەمگەكلىرىنى قويدى. مەن ئويلايمەنكى، بۇ خەلقئارا كۆرگەزمە مۇشۇ قېتىم بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر يىلى مۇشۇنداق كۆرگەزمىلەر بولۇپ تۇرىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمىز. بۇ كۆرگەزمىگە مەن ماي بوياق رەسىملىرىدمدىن بەش پارچىنى قويدۇم.»

مۇھەببەت ھىيتاخۇنوۋا كۆرگەزمىگە قاتناشقان رەسساملارنىڭ «قەدەم» تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆھبەتتە بولغانلىقىنى، «مىراس» ئانىلار كېڭىشىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى نوزۇگۇم ماكانلىغان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق كەتمەن يېزىسىنىڭ تاغلىرىدا جايلاشقان تارىخىي جايلارنى ۋە ئاقتام يېزىسىدا ئورۇنلاشقان ئاتاقلىق رەسسام ۋە يازغۇچى مارىس ھىيتاخۇنوفنىڭ مۇزېيىنى، ئالمۇتادىكى تونۇلغان رەسسام ھاشىم قۇربانوفنىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن مېھمانلارنىڭ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالمۇتادا ئېچىلغان «ئەسىرلەر ساداسى» رەسىم كۆرگەزمىسى 14-نويابىرغىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تورلاردا داۋاملىق ئېلانلار بېرىلىپ كەلمەكتە.