«شەرقىي تۈركىستاندا ئايال» بولۇش دېگەن تېمىدا ئىستانبۇلدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز بويىدا «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال» بولۇش دېگەن تېمىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىشقا يەنە «يېڭى رىفاھ پارتىيەسى»، «ھودا پارتىيەسى»، «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى» قاتارلىق پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئاياللار بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرىمۇ نامايىشنى قوللاپ قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى بىلەن خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا ۋە ياكى تۈرمىلىرىگە قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «زالىم خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» دېگەندەك خىتايغا قارشى شوئارلار توۋلىدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان «نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى» رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيەلەرنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن دۇنياغا ئاشكارا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «مۇسۇلمان زۇلۇمغا باش ئەگمەيدۇ، بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغىنى جان ۋە شەرەپتۇر، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى كېرەك بولغان قەدەمنى بېسىشى كېرەك»، دېدى.

ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز بويىدا «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال» بولۇش دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدە تۈرك ژۇرنالىست مەرۋە شەبنەم ئورچ خانىم سوزلىمەكتە. 2021-يىلى 8-مارت، ئىستانبۇل.

مۇنەۋۋەر خانىم خىتايغا قارشى ب د ت تەرىپىدىن جازا يۈرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مىللىي ۋە دىنى سەۋەبتىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق دەپسەندىچىلىكلىرى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت كاتېگورىيەسىدىكى جىنايەتتۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ جىنايەتلىرىنى توختىتىش مەسئۇلىيىتى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا دۆلەت باشلىقلىرىغا شۇنى خىتاب قىلىمىزكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتانلىقلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ جىنايەتلىرى توختىتىلسۇن ۋە جازا يۈرگۈزۈلسۇن! . چۈنكى ب د ت كېلىشىمنامىسى بۇ خىل جىنايەت سادىر قىلغانلارغا قارىتا جازا يۈرگۈزۈشنى بۇيرۇق قىلىدۇ».

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم پۈتكۈل دۇنيادىكى ئاياللارنى ئۇيغۇر ئاياللارنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «دىنى، ئېتىقادى، مىللىتى نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، دۇنيادىكى پۈتكۈل ئاياللارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار بىلەن ھەمكارلىشىشىقا، قوللاشقا چاقىرىق قىلىمىز».

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئادۋوكات گۈلدەن سۈنمەز خانىم سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ يەككە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولماستىن بەلكى ئىجتىمائىي ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېيىن سۆز قىلغان تۈرك زھۇرنالىست مەرۋە شەبنەم ئورچ خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى، نەسىلىنى، يېڭى ئەۋلادلىرىنى ئاستا-ئاستا يوق قىلىش ئۈچۈن ئاياللارغا قارىتا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى، يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئوچۇق بىر شەكىلدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».

مەرۋە شەبنەم خانىم سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەسلىدە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملەر بىلەن ئىسپاتلاندى، ئون مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ھېكايىلىرى، دەرد-ئەلەملىرى ۋە رەسىملىرى بار، بىراق بۇنىڭغا قارىتا خىتاينىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋابى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىنىڭ سۈكۈت قىلىشقا ھېچ بىر سەۋەبى يوق. بىر نەسىلنىڭ يوق بولۇپ كېتىشتىن قوغدىشىمىز بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز ۋە نەتىجە قازىنىشىمىز كېرەك».