«8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» كۈنى «لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرى» نىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدا ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن دەس تۇر» تېمىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر پائالىيەت تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئىزمىر، ئادانا، قەيسەرى، ئەسكىشەھەر قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا يەنە ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر پائالىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.

«لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرى» نىڭ ئەزالىرى 8-مارت كۈنى، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن سەككىز مىنۇت سۈكۈتتە تۇرغان. «لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرى» نىڭ ئەزالىرى مەزكۇر پائالىيەتتە تۈركچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان جىسمانىي ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا قارشى پۈتۈن دۇنيانى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا چاقىرغان.
«لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن دەس تۇر» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن باشقا، يەنە تۈرك پۇقراۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ژۇرنالىسىتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىللىرىمۇ قاتناشقان.

پائالىيەتكە يەنە «سائادەت» پارتىيەسى ئاياللار شۆبىسىنىڭ رەئىسى بەيتىيە ئەكىنجى، «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسى ئىستانبۇل ئاياللار شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئويا ئالتىنسوي ئەرەن، «ئىيى» پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسى تۈرك دۇنياسى تارمىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى نۇرجاھان ھاساندەدەئوغلى، «ئىيى» پارتىيىسى ئاياللار شۆبىسىنىڭ باشلىقى زەھرا تۈركمەن، ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچى گۈلدەن سونمەز قاتارلىقلار قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. مەزكۇر خەلقئارالىق نامايىش پائالىيىتى تەييارلىق جەريانىدا ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نۇرغۇن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، «لاگېر قۇربانلىرى مۇنبىرى» نىڭ مەسئۇللىرى ئىستانبۇلدىن باشقا ھەرقايسى شەھەرلەردىكى پائالىيەتلەرنىڭ شۇ جايلاردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
«لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، «لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرى» نىڭ پائالىيەتلىرى، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەييارلىق جەريانى، قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن تەشكىلاتلار توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.
مەزكۇر پائالىيەتتە سۆز قىلغان لاگېر تۇتقۇنلىرى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن نۇرسىمان ئابدۇرىشىت زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ئايال ھەم لاگېر تۇتقۇنلىرى ئائىلە تابابىئاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېس قىلغانلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى ئائىلە ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەرخىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئۆز ئاۋازنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. «لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرى» لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر پۇقراۋى مۇنبەر بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى «مىللەت نۆۋەتتە» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، تۈركىيىدە ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى.