«ئاياللار بايرىمى» كۈنى توكيو شەھەر مەركىزىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.03.11
uyghur-ayallirining-eghir-weziyiti-tokyo-1 «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» كۈنىدە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا خاتىرە سۈرەت. 2025-يىلى 8-مارت.
RFA/Erkin Tarim

«8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» كۈنىدە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيە پايتەختى توكيودا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشقان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن سىرت، ئۇكرائىنا، بېلورۇسىيە، ئىران، بېرما، كامبودژا، شۇنداقلا تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، خوڭكوڭ، تەيۋەن، خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر پائالىيەت، خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئۆز خەلقىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە بەزى دۆلەتلەردە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 8-مارت.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 8-مارت.
RFA/Erkin Tarim

نامايىشچىلار 8-مارت كۈنى، ياپونىيە پايتەختى توكيونىڭ شىنجيۇكۇ بېكىتى ئالدىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەرگەن. ئارقىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتتە سۆز قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان جىسمانىي ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا قارشى پۈتۈن دۇنيانى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا چاقىرغان.

ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن بىزنىڭ جەمئىيەتكە ۋاكالىتەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتىم. مەن نامايىشتا سۆزلىگەن سۆزۈمدە، گەرچە خىتاي 20 يىلنىڭ ئالدىدا بېيجىڭدا خەلقئارا ئاياللار يىغىنىنى ئاچقان، خىتاينىڭ قانۇنلىرىدىمۇ خانىم-قىزلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ ناھايىتى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېرلاردا قىيىن-قىستاق ئاستىدا ئىكەنلىكى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ئەرلەر بىلەن مەجبۇرىي توي قىلىشقا زورلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. يەنى ئۇيغۇر ئاياللار ئوق-زەمبىرەكسىز ۋە ئىس-تۈتەكسىز بىر ئۇرۇشنىڭ ئاستىدا قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 8-مارت.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندى ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۆزلىمەكتە. 2025-يىلى 8-مارت.
RFA/Erkin Tarim

ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتكە ھەر مىللەت خەلقىدىن بولۇپ 80 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ھەممىسى قوللىرىغا ئۆز دۆلەتلىرى ۋە مىللەتلىرىنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ شوئارلار توۋلاشقان. بۇ جەرياندا ياپونىيە ئاخباراتلىرىمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئاخباراتلارنىڭ دىققىتىنى قاتتىق ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بولغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەقەت بىلمەيدىغان كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چەت ئەلدىكى ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەرخىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئۆز ئاۋازنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ بارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.