17-سېنتەبىر كۈنى فرانسىيىدە 2-قېتىملىق «ئېمپاۋىر» فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر فېستىۋالنىڭ ئاساسلىق تېمىسى دۇنياغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاياللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ياشلارغا ئۈلگە يارىتىش ئىكەن.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم فرانسىيىدىكى داڭلىق ئاياللار ھەق-ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىر قاتاردا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

«ئېمپاۋىر» فېستىۋالى ئۆتكەن يىلى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان ئاياللار ھوقۇقى تېمىسىدىكى بىر فېستىۋال بولۇپ، مەزكۇر فېستىۋالغا ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان يۈزلىگەن ئورگان ۋە شەخسلەر تەكلىپ قىلىنغان. فېستىۋالغا يەنە مەدەنىيەت-سەنئەت، ئىقتىساد، سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە جەمئىيەتتە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىۋاتقان ئاياللار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، فېستىۋال ئۇلارنىڭ ئاياللار ھوقۇقى جەھەتتىن جۇغلىغان تەجرىبىلىرىنى ياش قىز-ئاياللارغا يەتكۈزۈشىگە سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن.
مەزكۇر فېستىۋالغا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى ئاڭلاتقان ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈرەشتىكى ھالقىلىق رولى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. دىلنۇر خانىم يەنە فېستىۋالغا قاتناشقان كىشىلەرنى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىللە 2-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىشقا تەكلىپ قىلغان.
دوكتور دىلنۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئىنتايىن دىققەت قىلغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى فېستىۋاللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىش ئۈچۈن بەزى كونكرېت پىلانلارنى تۈزمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر شائىر، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ ئاكتىپ ئەزاسى مەردان ئەھەت ئېلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى، مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر پارچىلانماقتا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يۇرتلىرىدىن ۋە ئائىلىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولماقتا. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىرىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.