«ئامېرىكا ئاياللار تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشى» يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان قوش زىيانكەشلىكى ھەققىدە بىر تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر ماقالىدە لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان سىستېمىلىق باسقۇنچىلىققا ئۇچراش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زىيانكەشلىكلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ «جەڭ مەيدانى» غا ئايلاندۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن.
«ئامېرىكا ئاياللار تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى دوكتور سۇسان يوشىخارا (Susan Yoshihara) ۋە مەزكۇر كېڭەشنىڭ تەتقىقاتچىسى پېتىر توززى (Peter Tozzi) يازغان بۇ تەتقىقات ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جىنسىي ۋە ئېتىقادى سەۋەبىدىن خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن قوش زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دۇنيادىكى خەلقئارالىق قانۇن ئورگانلىرىنىڭ يېتەرلىك دىققەت قىلمايۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان، ئاز دېگەندە 380 ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرىدا تەخمىنەن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ سولانغانلىقى، بۇ لاگېرلاردىكى ئاياللارغا قارىتىلغان جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق ۋە تۇغماس قىلىنىش ئەھۋاللىرى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.
دوكتور سۇسان يوشىخارا خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ زىيانكەشلىكنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ئاياللارنى نىشان قىلغان ۋە ئۈچ خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان. بىرىنچىسى، باسقۇنچىلىق. مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇشمۇ ئەمەلىيەتتە باسقۇنچىلىق. خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئۆز رازىلىقى بولمىغان تويلاشتۇرۇشنىڭ ھەممىسى باسقۇنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. باسقۇنچىلىق بىر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزىدۇ، بۇنى ئاشۇ توپلۇققا زىيانكەشلىك قىلىشنى پىلانلىغانلار ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار بىر توپلۇقنىڭ ئاياللىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىشنى ئۇرۇشنىڭ بىر تاكتىكىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. بولۇپمۇ دىندار توپلۇمدا بىر جەمئىيەتنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئارقىلىق ئاشۇ دىنىي توپلۇمنىڭ ئىززىتىنى يەرگە ئۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىككىنچىسى، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش. يەنى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى بۇزۇش. ئائىلىدە ئاياللار، بالىلار ۋە ئەرلەر بىخەتەرلىككە ئېرىشىدۇ. ساغلام بىر جەمئىيەتنىڭ ئۇلى ئائىلە. شۇڭا ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى كېرەكسىز قىلىۋېتىش ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. بۇ كوممۇنىستلارنىڭ باشقا توپلۇقلارغا يۈز يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسىتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى باغنى ئۈزۈۋېتىش. ئاتا-ئانىسى بىلەن چوڭ بولغان بالىلارنىڭ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولىدىغانلىقى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى كۈچلۈك ئائىلىلەر مىللەتنىڭ كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئورۇن. شۇڭلاشقا خىتاي كومپارتىيەسى خەلقنى پەقەت پارتىيەگىلا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي باغنى ئۈزۈۋېتىدۇ. »
ئۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ھەر تۈرلۈك خىمىيەلىك دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئانا بولۇش ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىپ روھىي ھەم جىسمانىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئانا بولۇش پەقەت ئاياللارغا بېرىلگەن سوۋغات. مەيلى مەنىۋى ئانا بولسۇن ياكى جىسمانىي ئانا بولسۇن، ئۇ ئاياللارنى ئۆزگەرتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پىلانلىق تۇغۇتقا باغلانغان رەھىمسىز سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلگەن. يەنى ئاياللارنىڭ ئانا بولۇش ھوقۇقى چەكلەنگەن ۋە مەھرۇم قىلىنغان. مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئۈچ نۇقتا، يەنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئانىلىقنى ۋەيران قىلىش، ئائىلىنى بۇزۇش، ئائىلە رىشتىسىنى بۇزۇش ۋە ئاياللارغا قىلىنغان باسقۇنچىلىق بىر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى نەچچە ئەۋلاد ۋەيران قىلىدۇ. »
ئۇ جازا لاگېرلىرىدىكى ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلىنغان ھەر تۈرلۈك جىسمانىي ۋە روھىي زىيانكەشلىكنىڭ «ساقايماس جاراھەت» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ پۈتۈن مىللەتكە زىيان سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
پېتىر توززى ئۆزىنىڭ بۇ تەتقىقات تېمىسىغا كىرىشىپ قالغانلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى پۈتكۈل بىر توپلۇقنى يوقىتىۋېتىشنى نىشان قىلغان سىياسەتنى يۈرگۈزگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنلىق سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتىغا ئايلانغان. يەنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنى قاتتىق كونترول قىلغان. يەنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مىللەتنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى نىشانلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى سولاپ ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى يوقىتىش ئۈچۈن قايتا تەربىيەلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى كۆرگىنىمدە ناھايىتى چۆچۈدۈم. بۇ بەك ئادالەتسىزلىك. مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار مېنىڭ بۇ تەتقىقاتلارغا كىرىشىمگە تۈرتكە بولغان. »
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇنچە پاكىتلارغا قارىماي، خىتايغا ئوخشاش خەلقئارا قائىدىلەرنى بۇزۇۋاتقان ھاكىمىيەت بىلەن نورمال ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەنقىد قىلغان.
پېتىر توززى ئاخىردا ئۇيغۇرلارغا يۈرەك سۆزى بارلىقنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «شۇنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلار ئاڭلىنىۋاتىدۇ. كىشىلەر خىتاينىڭ سىلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بىز سىلەر ئادالەتكە ئېرىشمىگۈچە كۈرەشنى توختاتمايمىز. »
ئامېرىكا ئاياللار تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر كېڭەش 2015-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ئەركىنلىكى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بېغىشلانغان ئاقىللار ئامبىرى ئىكەن.