ئۇيغۇر ئاياللىرى: ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەڭ ئېغىر زۇلۇم ۋە خورلاشلارغا ئۇچرىماقتا
2024.11.26
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تورىدا 25-نويابىر، خەلقئارادا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ۋە قىزلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىرى. دوكلاتتىن قارىغاندا، ھەر ئۈچ ئايالنىڭ بىرى دېگۈدەك ئۆمرىدە كەم دېگەندە بىر قېتىم جىسمانىي ۋە ياكى جىنسىي زوراۋانلىققا ياكى ھەر ئىككىسىگە ئۇچرايدىكەن. 2023-يىلى كەم دېگەندە 51 مىڭ 100 ئايال جىنسىنى ئاساس قىلغان زوراۋانلىق ۋە رەھىمسىز ھەرىكەت-شېرىكلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارغا قارىتىلغان ھەر خىل زوراۋانلىقلار ھەتتا تور بوشلۇقلىرىدىمۇ كۈچەيگەن، ئۇرۇش، توقۇنۇش بولۇۋاتقان جايلاردا بولسا تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. بۇ ئاپەتلىك زۇلۇم خىزمەت سورۇنى ۋە تور بوشلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا كۈچەيگەن. توقۇنۇش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. ب د ت ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرگە ۋە خەلقئاراغا چاقىرىق قىلىپ، ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقلارنى ھەل قىلىش چارىسى: «كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇش، جىنايەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، ياخشى بولغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ھەرىكەتنى تېزلىتىش ۋە ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتىگە مەبلەغنى ئاشۇرۇش» دەپ كۆرسەتكەن.
ب د ت يەنە خەلقئارادا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن دۇنيانى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش بويىچە، 25-نويابىردىن 10-دېكابىرغىچە، يەنى 16 كۈنلۈك تەشەببۇس پائالىيەتلىرىنى باشلىغان.
خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىشنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيادا، ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش توغرىسىدىكى ۋەدىلەرنى جانلاندۇرۇش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ھەرىكەتكە كېلىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر شاھىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلىرىدا ئېغىر جىسمانىي روھىي زۇلۇملىرىنى باشتىن كەچۈرگەن، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىم مۇنداق دېدى: «مەن ھاياتىمدا تېخى بىز ئاياللار ئۈچۈن مۇنداق بىر خەلقئارالىق كۈن بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن، ئاياللار ئەڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان خىتايدا، بۇنى ئەلۋەتتە ئاياللارنىڭ ھەتتا بۇ كۈننى بىلىش ھوقۇقىمۇ يوق».
مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۇچراۋاتقان، ئەڭ ئېغىر زوراۋانلىق، كۈلپەتلەر ھەققىدە سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان ئېغىر كۈلپەتلەر، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي تۈردە خىتايلارغا نىكاھلىنىشى، بالا تۇغۇش ۋە بالىلىرىنى تەربىيەلەش ھوقۇقىنىڭمۇ تارتىۋېلىنىشى» دەيدۇ.
مېھرىگۈل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشۇ ئۆزىنى سولىغان لاگېردا ئېلىپ بارغان رەھىمسىز قىيىن-قىستاقلىرىنىڭ ئۆز جىسمى ۋە روھىدا قالدۇرغان جاراھەتلىرىدىن تېخى ھازىرغا قەدەر پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مېھرىگۈل يەنە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ، پەقەت ھازىرمۇ خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ھەدە-سىڭىللىرى، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش بىلەن مەنە تاپىدىغانلىقىنى، زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دەرۋەقە مەيلى ئۆزى زۇلۇم كۆرگەن بولسۇن ياكى باشقا ئاياللارنىڭ زۇلۇملىرىغا شاھىت بولغان بولسۇن، دېموكراتىك ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارغا ئايلانماقتا.
ئەنە شۇنداق ئاياللاردىن بىرى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم-25 نويابىر، خەلقئارادا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ يەنىلا دۇنيادىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقتەك ئەڭ ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇ» دەيدۇ.
زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئېغىر خورلاشلارغا ۋە زۇلۇملارغا داۋاملىق ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئەڭ ئومۇملاشقان ۋە نۇقتىلىق زۇلۇملار جىنسىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تاجاۋۇزغا، باسقۇنچىلىق ئۇچراش، مەجبۇرىي تۈردە خىتايلارغا نىكاھلاندۇرۇش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە قۇل ئەمگەكلىرى، يەنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە باشقىلاردۇر.
زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىنسنى ئاساس قىلغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن بۇ دوكلات قىلىنمىغان ۋە تەكشۈرۈلمىگەن جىنايەت بولۇپ، ئەرلىرى، ئوغۇللىرى ئاساسەن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەمىشە يالغۇز ياكى بالىلىرى بىلەن بۇ زۇلۇملارغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم، ئۇلار دائىم بىخەتەر بولمايدۇ. بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادى ۋە ھەر جەھەتتىكى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ جىنسىي خورلاشلارنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىمۇ كۆپلەپ ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.
زۇبەيرە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل زوراۋانلىقنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمەتنىڭ قولى ئارقىلىق يۈز بېرىۋاتقان بولغاچقا، جىنايەتچىلەرگە جازا بېرىشنىڭ ئورنىغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا قورقۇنچ ۋە نومۇس مۇھىتى يارىتىلىدۇ. مۇنداق جىنسىي تاجاۋۇزلارغا ئۇچرىغۇچى ئاياللار ئەرز قىلالمايدۇ، چۈنكى ئەرز قىلسىمۇ ئادالەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەكسىچە نومۇس سەۋەبىدىن بۇنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ ھەم توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
بۇنى نەزەردە تۇتقاندا، ب د ت نىڭ بۇ يىللىق خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش كۈنىدىكى باش تېمىسىمۇ دەل سەرگەردان ئاياللار ۋە قىزلار دۇچ كەلگەن جىنسى زوراۋانلىقنى ئاساس قىلغان، زوراۋانلىق خەۋپىنىڭ كۈچىيىشىگە دىققەت قىلىش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ۋە ئۇلارنى قوغداشقا كېرەكلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىق قىلىش ئىكەن.
2024-يىلى 25-نويابىر خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىشنىڭ 25 يىللىقى ۋە جىنسى ئاساس قىلغان زوراۋانلىققا قارشى 16 كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ باشلىنىشىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش كۈنىدە، زوراۋانلىقنىڭ بۇزغۇنچىلىق تەسىرى ھەققىدە ئويلىنىپ، ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى، يەنە 2024-يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىنسىي زوراۋانلىقنى ئاساس قىلغان زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 273 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى قەيت قىلغان.