پىراگادا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى ئاياللارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.12.11
praga-jaza-lager-05 قەلبىنۇر سىدىق خانىم خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى قىيناش ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 9-نويابىر، پىراگا
RFA/Hebibulla Izchi

9-دېكابىر چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىدىكى چارلېس ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» تېمىسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر پائالىيىتىنى چېخ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىنىڭ دىرېكتورى ئېۋىتا ۋانكاكوۋا ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان چارلېس ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق فاكۇلتېتى قارمىقىدىكى «ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» بىرلىكتە تەشكىللىگەن.

قەلبىنۇر سىدىق ۋە ئېۋىتالار بىلەن بىللە. 2024-يىلى 9-نويابىر، پىراگا
قەلبىنۇر سىدىق ۋە ئېۋىتالار بىلەن بىللە. 2024-يىلى 9-نويابىر، پىراگا
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ پائالىيەتتە گوللاندىيەدە ياشايدىغان جازا لاگېرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق نەق مەيداندىن، ئامېرىكىدىكى مېھرىگۈل تۇرسۇن ئىنتېرنېت ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىپ خىتاينىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان قىيىن-قىستاق ۋە پاجىئەلىرىنى تونۇشتۇردى. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، شۇنداقلا بۇ قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىدىغان، ئەمما تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن بولغان ئەڭ پاجىئەلىك جەريانلار تونۇشتۇرۇلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ پائالىيەت ئۈچۈن گوللاندىيەدىن چېخ جۇمھۇرىيىتىگە كېلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ پائالىيەت ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە مەزمۇنلىرىدىن بىرى بۇ قېتىم گۇۋاھچىلارغا تەرجىمانلىق قىلغان تەرجىمان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا ئانا تىلىدەك سۆزلەيدىغان بۇ كىشى چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئوندرىي كلىمېس (Ondřej Klimes) ئىدى. ئۇيغۇرچە ئۆزىگە چىرايلىق قىلىپ «ئۆتكۈر» دېگەن ئىسىمنى قۇيۇۋالغان ئوندرىي كلىمېس ئەپەندى زىيارىتىمىزگە جاۋاب بېرىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىش جەريانى ۋە قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئاندېرى كىلمەس ئەپەندى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىققا تەرجىمانلىق قىلىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 9-نويابىر، پىراگا
ئاندېرى كىلمەس ئەپەندى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىققا تەرجىمانلىق قىلىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 9-نويابىر، پىراگا
RFA/Hebibulla Izchi

ئۇ يەنە، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان ئۈنۈم ۋە بۇندىن كېيىن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەشكىللەشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

پائالىيەت تەشكىللىگۈچى ۋە رىياسەتچى ئېۋىتا خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ تېمىسى ۋە ئاساسلىق مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكى ۋە قىز-چوكانلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

پراگادىكى چارلېس ئۇنىۋېرسىتىتى قانۇن فاكۇلتېتىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» دېگەن پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-نويابىر، پىراگا
پراگادىكى چارلېس ئۇنىۋېرسىتىتى قانۇن فاكۇلتېتىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى» دېگەن پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-نويابىر، پىراگا
RFA/Hebibulla Izchi

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كەلگەن ۋەھشىيلىكلەر، يەنى سىستېمىلىق خورلاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، جىسمانىي قىيناق ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارغا تونۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت بۇ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاياللارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈش».

دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر تەدرىجىي كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغاندا ياۋروپا ئالىي مەكتەپلىرىدە بۇ خىلدىكى گۇۋاھلىق يىغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بۇ جەھەتتىكى ئاممىۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈشتە مۇئەييەن ئىجابىي رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.