مۇتەخەسسىسلەر ۋە شاھىتلار: «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەسىرى بىر ئەۋلاد بىلەنلا تۈگىمەيدۇ» (2)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى قۇرۇپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغان بىر ۋاقىتتا، مىڭلىغان ئائىلىلەر پارچىلاندى، ئاتا-ئانىسى بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇپ كېتىلگەن يەنە نەچچە يۈز مىڭلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىمۇ جىق بالىلار مەجبۇرىي تىرىك يېتىملەرگە ئايلاندى. ئىلگىرى رادىئويىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋەرلىرىدىمۇ، يېتىم ۋە قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ناھىيەلەردىمۇ دارىلئېتاملارنى كۆپەيتىپ قۇرۇۋاتقانلىقى، بالىلارنىڭ ھەتتا ئۇ جايلارغىمۇ پاتماي، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى پاش بولغانىدى.

ھەتتا دۇنياۋى ئاخباراتلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدا، ياتاقلىق مەكتەپ ۋە ياكى دارىلئېتاملاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يېتىم بالىلارنىڭ سانىنى 500مىڭ دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاي ھۆكۈمەت دوكلاتلىرىغا ئاساسەن تەخمىنلەنگەن شۇنداقلا ئىككى يىل ئاۋۋالقى بىر سانلىق مەلۇمات.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك-24باشلانغۇچ مەكتەپتە 30 يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچى بولغان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر مۇئەللىم، -2016 يىلىدىلا مەكتەپتە يېتىم بالىلارنىڭ كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى، -2018 يىلىغا بارغاندا سىنىپنىڭ يېرىمى دېگۈدەك قۇرۇق بولۇپ قالغانلىقىنى، يىغىمغا ئايلىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلاردا، دەرستىن چېكىنىش ۋە جىمىغۇرلىشىپ كېتىشتەك بىنورمال ئالامەتلەرنىڭ گەۋدىلىك ھەمدە ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن تارالغان ياتاقلىق مەكتەپ ۋە يەسلىلەردىكى يېتىم ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ھەر تۈرلۈك مېڭە يۇيۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى بارلىق ئۇيغۇرلاردا زور ئەندىشە پەيدا قىلماقتا ئىدى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەتتا بۇ ۋېدىيولاردىكى بالىلار ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ يىللارچە ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ئىز-دېرىكىنى قىلالمايۋاتقان ئۆز بالىلىرىنىڭ سېيماسىنى تونۇۋالغان ئۇيغۇر ئاتا ئانىلارمۇ بولدى، ئۇلارنىڭ ئازابىنىڭ چېكى يوق.

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ سەبىي بالىلاردا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالىلاردىلا ئەمەس چەتئەللەردىكى، ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇر ئېلىگە كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىگەن ۋە لاگېرلارغا قامالغان بالىلاردىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىلگىرى ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا كۆرگەن زۇلۇم ۋە قىيىن قىستاقلارنى خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا ۋە گۇۋاھلىق يىغىنلىرىدا تەمكىن سۆزلەپ كېلىۋاتقان لاگېر شاھىتى ئۆمەر

بېكئلى، بۇ ئايرىلىش ۋە قورقۇنۇچنىڭ ئەسلىدىكى ساغلام، شوخ ۋە خۇشال 3 پەرزەنتنىڭ يۇمران يۈرىكىدە قالدۇرغان زەخمەتلىرىنى سۆزلىگىنىچە يىغلاپ كەتتى:

ئۆمەر بېكئالى قازاقىستاندىن ئۇيغۇر دىيارىغا قايتقىنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغاندا، ئۇنىڭ ئايالى ۋە 3 پەرزەنتى 8 ئايدىن ئارتۇق ئايرىلغان بولسا ئۇ لاگېردىن چىقىپمۇ، تەكرار-تەكرار ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە 3 يىلدىن بۇيان بۇ ئائىلە پۇتۇنلىنەلمەي جۇدالىق ئازابى چېكىپ كەلگەنىدى. ئۆمەر بېكئالى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن تېخى ئۆتكەن ئايدا، يەنى 24-فېۋرال كۈنى ئاخىرى ئايالى ۋە 3 پەرزەنتى بىلەن جەم بولغان. ھالبۇكى ئۆمەر بېكئالىدەك ناھايىتى ئاز ساندىكى لاگېر شاھىتلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن ھايات قۇتۇلۇپ چىقالىغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر ئۇلا ئەمەس، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھەم دادىسىدىن بىرمەھەل ئايرىلىپ قېلىشنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان قورقۇنۇچى ۋە پسىخولوگىيەلىك جاراھەتلىرىنىڭ ئازابىنى ھېلىھەم تارتماقتىكەن.

دەرۋەقە، ئامېرىكادىكى بالىلاردىكى پىسخىكىلىك جاراھەتنى داۋالاش جەھەتتە 35 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە بالىلار پسىخولوگ، ئامېرىكىدىكى زەخىملىنىشنىڭ ئىپادىلىرى ۋە ئۇنى ئىپادىلەشچان سەنئەت ئارقىلىق داۋالاش ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور كەتىي مالچىئونى خانىم، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى بىر بالداق دەرىجىدە بولغاچقا ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلاردا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پسىخىكىلىق كېسەل ياكى زەخىملىنىشنىڭ تەسىرىنىڭمۇ چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغانىدى.

ئۇيغۇرلار بۇ قىرغىنچىلىق ۋە ئايرىلىشنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زەربىلىرىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيدۇ؟ چەتئەللەردىكى ئىمكانىيىتى بار ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئاسارىتىدىن قانداق قىلغاندا قۇتۇلالايدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا دوكتور كەتىي مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇچرايدىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئازابى ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق بالىلارنىڭ سانىنىمۇ قىياس قىلماق تەس، خىتايغا بېرىپ بىۋاسىتە بۇ بالىلارغا ياردەم بېرىش تېخىمۇ قىيىن بىر مەسىلە. ئەمما ئۇيغۇرلارغا چەتئەللەردە بۇ ئىمكانىيەت بار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق زۇلۇملىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان پسىخىكىلىق مەسىلىلەرنى يېڭىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پسىخولوگىيەلىك داۋالاش ۋە يېتەكلەش ئورۇنلىرىدىن ياردەم ئىزدىشى لازىم. مۇھىمى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئاسارەتلىرىگە گاڭگىرىغان ھالدا پېتىپ قالماسلىقى كېرەك.

سۆزلەپ چىقىرىۋېتىش بولسا، ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ماھىيىتىنى، ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۆزىگە نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى ياخشى ۋە توغرا بىلىشى كېرەك ۋە بالىلارغا ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ ئىنتايىن قىيىن بولسىمۇ چوقۇم ئاستا ئاستا ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تونۇتۇش لازىم. بالىلارنى بۇ ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بولسا، ئۇلارغا تۈرلۈك شەكىلدە ئويۇن، ۋە رەسىم سىزىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۆزىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە ۋاقىت ۋە پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىش. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەسلىگە كېلىش جەريانى بولۇشى مۇمكىن ئەمما ئىشەنچ ھەممىدىن مۇھىم».