ماگنۇس فىسكەسيۆ: «خىتاي ئۇيغۇر بالىلىرىنى سان ۋە كۆلەم جەھەتتە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتىدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.08.01
يوناھ دايموند: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلماقچى بولغانلىقى ئاشكارا بولدى»
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئاز دېگەندە ئىككى مىليون ئادەمنى لاگېرلارغا قامىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن بالىلار بىر كېچىدىلا ئاتا-ئانا ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ تىرىك يېتىمگە ئايلانغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دېگەندەك ئورۇنلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىغان ۋە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ ئاتالمىش پەرىشتىلەر مەكتىپىنىڭ دەل بۇ تىرىك يېتىمگە ئايلانغان ئۇيغۇر بالىلىرى يىغىۋېلىنىۋاتقان يېتىم بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرى ئاشكارىلانغانىدى. شۇندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ۋە باشقا مەنبەلەردىن تارقالغان ئۇچۇرلاردىن بۇنداق ئورۇنلارغا يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىلى، خىتاي مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇ ۋەزىيىتى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىردەك ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ماگنۇس فىسكەسيۆ بىلەن كانادادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىرلىكتە يازغان «خىتايدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى» ماۋزۇلۇق دوكلات دەل بۇ مەسىلىگە دىققەت تارتىپ، بالىلارغا قارىتىلىۋاتقان بۇ زۇلۇمنى توختىتىشنىڭ چارىسىنى قىلىش مەقسىتىدە يېزىپ چىقىلغان بىر دوكلات ئىدى. بىز بۇ ھەقتە ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلىرىگە يىغىۋېلىنغان بالىلار ھەققىدە سۆزلەشتۇق.

ماگنۇس ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بالىلار ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ كىملىكىگە ۋە مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت قىلىش تارىختا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن بىر مەسىلە بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنىنى تارىختىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغىنى، دەپ ئېيتىشقا بولىدىكەن.

ماگنۇس فىسكەسيۆ: «ئەپسۇسكى، تارىخىي جەرياندا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا قارايدىغان بولساق، بىز بالىلار ۋە بۇ بالىلارنىڭ ئانىلىرى بولغان ئاياللارنىڭ زەربە نىشانى بولغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن مىساللارنى كۆرەلەيمىز. بالىلار بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغانلىقتىن زۇلۇم قىلغۇچىلار بالىلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنى ئويلايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتماقتا. ئەلۋەتتە، تارىختىكى مىساللارغا قارايدىغان بولساق، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە تەربىيەلەشكە دائىر ئۆرنەكلەرنى كۆرىمىز، ئەمما مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، دۇنيا تارىخىدا بۇ ئىشنى خىتاي قىلغاندەك زور كۆلەمدە قىلغان دۆلەت يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچە زور ساندىكى بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن تارتىۋېلىپ، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى دۇنيا تارىخىدا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان.»

ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىنغان بالىلارنىڭ سانى بىر مىليون ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بالىلارغا قارىتىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە پىلانى پەقەت يېتىم بالىلار بىلەنلا تۈگىمەيدىكەن.

ماگنۇس فىسكەسيۆ: «بۇ ھەقتىكى بىر ئىستاتىستىكىدا ياتاقلىق مەكتەپلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنىڭ 900 مىڭدىن ئارتۇقلۇقى تىلغا ئېلىنغان. بىزنىڭ تەخمىن قىلىشىمىزچە، ھازىر ئالاھازەل بىر قانچە مىليون بالا مۇشۇنداق ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتىدۇ. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بىر يوليورۇقىدا بارلىق بالىلار ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىدۇ، دېيىلگەن. بۇ بالىلار داۋاملىق شۇ يەردە تۇرامدۇ، ياكى ئۆيىگە قايتالامدۇ؟ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا تۇتۇلمىغان بالىلار بولسىمۇ ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئۆيلىرىگە قايتالامدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەمما بۇ يەردە ئېنىق بولغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى، مەيلى بۇ بالىلار يېتىم بولسۇن-بولمىسۇن ئوخشاشلا ھەممىسىنى ياتاقلىق مەكتەپلەردە تەربىيەلىمەكتە، يەنى ئۇلارنى خىتايچە تەربىيەلىمەكتە.»

ماگنۇس ئەپەندى، ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دۇنيادا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان سەۋىيەدە بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يېتەرلىك دىققەت قوزغىيالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى:

«بۇ سان ۋە كۆلەم جەھەتتىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقان ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇ مەسىلىنىڭ دۇنيا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز تارىختىكى شىمالىي ئامېرىكادا قۇرۇلغان ياتاقلىق مەكتەپلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ۋە ھازىر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنالىق بالىلارنى ئېلىپ قېچىپ تەربىيەلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى شۇنداق كۆپ ئاڭلايمىزيۇ، ئەمما ئۇيغۇر بالىلىرىغا قارىتا مۇشۇنداق زور كۆلەمدە يۈز بېرىۋاتقانلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرمەيمىز. دۇنيا بۇنى بىلىشى، ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مىسلىسىز كۆلەمدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى مۇنازىرە قىلىشى كېرەك.»

ماگنۇس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچ كەلگەن بۇ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراشتەك قىسمەتلەرنىڭ بۇ بالىلارغا ۋە مىللەتتە قالدۇرىدىغان جاراھەتلىرى ئىنتايىن ئېغىر بولۇشى، ئۇنىڭ تەسىرى ھەتتا نەچچە ئەۋلاد داۋام قىلىشى مۇمكىنكەن. ئۇ يەنە، بۇ سىياسەتنىڭ تەسىرى پەقەت روھىي جەھەتتىكى زەربە بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىز بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلاردا كېيىنكى پىروگراممىمىزدا تەپسىلىي توختىلىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.