ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

5-ئۆكتەبىر كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قارمىقىدا «خىتاي بارلىق بالىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى چەكلىدى» ماۋزۇلۇق بىر يانداش پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شۇنداقلا «ئامېرىكا جۇبىلى ھەرىكىتى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە شۇنداقلا فالۇنگۇڭ ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى، جۈملىدىن شۇ مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا تەۋە بالىلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرى مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. يىغىندىكى گۇۋاھچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىدە بېكىتىلگەن دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يىغىندا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش، دىننى ئۆگىنىش ھوقۇقىدىن قانداق مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن پېتېر ئىرۋىن ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدىن ئەلفىدار ئىلتەبىر دوكلات سۇندى.

ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، جۇبىلى ھەرىكىتى تەشكىلاتى دىنىي ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن تەشكىلات بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىم يىغىننىڭ تېمىسىنى مەخسۇس بالىلارغا ئايرىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ زۇلۇمى ھەققىدە سۆز بولغاندا تېما داۋاملىق ھالدا چوڭلارغا مەركەزلىشىپ قېلىپ، بالىلارنىڭ ئەھۋالى يېتەرلىك دەرىجىدە دىققەتكە ئېرىشەلمەيۋاتقانىكەن. شۇڭا ئۇلار بۇنى ئۆزگەرتىش ۋە بالىلارنىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ دىققەت تارتىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغانىكەن.

مەزكۇر يىغىننى «جۇبىلى ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ئەن بۇۋالدا خانىم باشقۇرغان بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن سۆزىدە ب د ت بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنىڭ 14-ماددىسىدا «ھەرقايسى دۆلەتلەر بالىلارنىڭ پىكىر، ۋىجدان ۋە دىن ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، دۆلەتلەر بالىنىڭ يېتىلىش ئىقتىدارىغا ماسلاشقان ئاساستا بالىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن» دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ بىراق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بالىلار ھوقۇقلىرىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنى بۇنداق قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسلەردىن مىراس فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەمىلىي كاۋ سۆزىدە بالىلاردا دىنىي ھوقۇقنىڭ تەكىتلىنىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ يارىتىلىشى، يارىلىشى، ۋىجدان ۋە ئاخىرەت ھەققىدە سوئاللار پەيدا بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تېپشنىڭ روھىي ساغلاملىق ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە «بالىلاردا لاياقەتلىك ئەخلاق، ۋىجدان ۋە كىشىلىك پەزىلەت تۇرغۇزۇپ چىقىشتا دىنىي تەربىيە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بالىلارنىڭ دىننى ئۆگىنىش، ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىغا دىنىي ئېتىقادىنى ئۆگىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، بالىلارنىڭ ياراتقۇچى بىلەن ئىنسان ۋىجدانى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆگىنىشىنى چەكلىدى، ئۇلارنى كىچىكىدىن تارتىپ يالغۇز كومپارتىيەگە ئېتىقاد قىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش كويىدا بولدى. . .» دېدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىتىر ئېرۋىن؛ «ئۇيغۇرلار ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنى ئىجرا قىلىشتىكى ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىش» دېدى. ئۇ 2017-يىلى لاگېر تۈزۈمى باشلانغاندا لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ بالىلىرىنى يىغىۋالىدىغان يېتىمخانا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تەڭ باشلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا قىلىش ئارقىلىق ئۆز يىلتىزى، مەدەنىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ بۇنىڭ خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھاتلارغا پۈتۈنلەي باپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كاتىپى ئەلفىدار ئىلتەبىر ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئائىلە مېھرىدىن جۇدا قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ب د ت بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىدە بالىلارنىڭ خاراكتېرىنىڭ ساغلام ۋە مۇكەممەل يېتىلىشى ئۈچۈن ئائىلە مۇھىتى ئىچىدە، خۇشاللىق، مۇھەببەت ۋە چۈشىنىش كەيپىياتىدا ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك، دېيىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قول قويغان بۇ ئەھدىنامىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى، ئائىلىسىدىن، مەھەللىسىدىن ۋە يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، ئۇلارنى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن مەھرۇم قىلماقتا.»

ئەلفىدار ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، يىغىن ئاڭلىغۇچىلىرىنى، خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئوغۇرلانغان بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا چاقىردى.

ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر كىشىنىڭ قولىدىن كەلگەنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى ۋە «مەن ئاڭلىغۇچىلاردىن خىتاينىڭ كۈچىدىن قورقۇشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەنلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇپلا قالماي، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى توختىتىشىنى ئۆتۈنىمەن. بىز ھېچ بولمىغاندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقارغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىق، يۇقىرى پەن-تېخنىكىنى خىتايغا ساتماسلىق ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ بۇ تېخنىكىنى پۇقرالىرىنى ئورۋېلچە نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق زۇلۇمغا ئورتاق بولماسلىقىمىز كېرەك. . .» دېگەنلەرنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قارمىقىدىكى بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولۇپ، جۈبىلى ھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدە داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.