تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى» نامىدا كىتاب نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

خىتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇۋاتقان، بولۇپمۇ بالىلارنى كىچىك ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ ئانا تىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىگە دائىر كىتابلار تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغاندىن سىرت، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى توغرىسىدا كىتاب نەشر قىلىندى. ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋېلى ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئايسۇن دەمىرەز خانىم يازغان، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى بايان قىلىنغان «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى» ناملىق كىتاب 15-ئايرىل كۈنى ئەنقەرەدە يورۇق كۆردى.

ئەنقەرەدىكى ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تارمىقىدىكى «بەنگۈ» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتاب، 160 بەت ۋە 2 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان. بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە ئالدى بىلەن بالىلار ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بالىلارغا بولغان قارىشى، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ بالىلارغا بەرمەكچى بولغان قىممەت قاراشلىرى بايان قىلىنغان. بۇلاردىن سىرت بالىلار ئەدەبىياتچىلىرىدىن ئابدۇقادىر ھەسەن، ئابلىمىت قۇربان، ئابدۇلھەي روزى ۋە ئابدۇللا ياقۇپ قاتارلىقلارغا ئوخشاش 25 يازغۇچى شائىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن شېئىرلىرىدىن ئۆرنەكلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋېلى ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئايسۇن دەمىرەز خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كىتاب توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىر مىللەت مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادى جەھەتتىن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىدۇ. بالىلار، ئۆزلىرى تەۋە بولغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ۋاسىتىدۇر. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بالىلار ئەدەبىياتى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بالىلارنى قانداق تەربىيەلەۋاتىدۇ. بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ناملىق كىتابنى نەشرگە تەييارلىدىم. »

ئايسۇن دەمىرەز خانىم كىتابنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل ئەمەس. مىللىي كىملىكلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دىنىي ئېتىقادلىرىنى قوغداپ قېلىشتا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلار ئەدەبىياتچىلىرى مىللەت سۆيەر، ۋەتەنپەرۋەر ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تۈرك ئوقۇرمەنلىرىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ كىتاب ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايمەن. »

ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى كېيىنكى يىللاردا ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كىتاب نەشر قىلماقتا. ھازىرغىچە 3 رومان، 2 شېئىر كىتابى نەشر قىلدى. بۇ توغرىلىق سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن دوكتور ياقۇپ ئۆمەروغلۇ مۇنداق دەپ يازغان: «بىز ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 6 كىتاب نەشر قىلدۇق. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۈگۈن مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش كۈرىشى قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش كۈرىشىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تۆھپىمىز بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. »

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى» نىڭ مۇئەللىپى ئايسۇن دەمىرەز خانىمنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.