غۇلجادا ئاز دېگەندە 5 بالىنىڭ غايىب بولغانلىقى، ئوقۇغىچىلارنىڭ مەكتەپكە ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بېرىپ-كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا ئادەم بېدىكلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 13 ياشلىق ئابدۇللا راخمانجان ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ پەنجىم ۋە موللىتوختى يېزىسىدىن ۋە چاپچالنىڭ سۇمبۇل يېزىسىدىن بولۇپ جەمئىي 4 ئوقۇغۇچىنىڭمۇ غايىب بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن ئىزدىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 13 بىلەن 16 ياش ئارىسىدىكى بالىلارنەىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسى يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن بولۇپ، نۆۋەتتە غۇلجادا ئۆسمۈر بالىلار مەكتەپكە ئاتا-ئانىلىرى ياكى ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بېرىپ-كەلمەكتىكەن.

غايىب بولغان ئۆسمۈرلەردىن نەرگىزە ئابدۇللا.

ئالدىنقى كۈنلەردىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا تارقالغان غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئون خۇيزۇ يېزا توخۇچىيۈزى كەنتىدىكى 13 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئابدۇللا راخمانجاننىڭ ئادەم بېدىكلىرىنىڭ زىياكەنشىلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا تارقالغان يەنە باشقا ئادەم ئىزدەش ئېلانلىرىدىمۇ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ پەنجىم يېزىسىدىن مۇزەپپەر مەمەتئەلى، موللىتوختىيۈزى يېزىسىدىن گۈلزىبا ۋە رىزۋانگۈل، چاپچالنىڭ يەتتەسۇمبۇل يېزىسىدىن نەرگىزە ئابدۇللا قاتارلىق جەمئىي 4 ئوقۇغۇچىنىڭ4-مارت كۈنىدىن ئېتىبارەن غايىب ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. غايىب بالىلارنىڭ سۈرەتلىرىمۇ كۆرسىتىلگەن بۇ ئېلانلاردا ئۇلارنىڭ ئوقۇۋاتقان مەكتەپ، تۇرۇشلۇق ئادرېسلىرى بېرىلگەن. بىز ئالدى بىلەن چاپچال ناھىيەسدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، نەرگىزە ئابدۇللانىڭ تېپىلغان ياكى تېپىلمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملار سوئاللرىمىزنى ئاساسەن دېگۈدەك جاۋابسىز قالدۇردى، ئەمما ھېچقايسىسى غۇلجادا داۋام قىلغان بالىلارنىڭ يىتىپ كېتىش ۋەقەسىىنى ئىنكار قىلمىدى. پەنجىم يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىمى ئەھۋالنى ئالاقىدار رەھبىرى ئورگانلاردىن سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

غايىب بالىلار ھەققىدىكى ئادەم ئىزدەش ئېلانلىرىنىڭ بىرىدە موللىتوختىييۈزىلىك ئوقۇغۇچى گۈلزىبانىڭ5-ئوتتۇرا مەكتەپ فورمىسى كەيگەنلىكى قەيت قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىتىپ كېتىش ۋەقەسىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى، ئەمما بالىلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن تا ھازىرغىچە خەۋىرى يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت كادىرى غۇلجادا بالا يىتىپ كېتىش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن كەنتلەردە بۇ ھەقتە يىغىن ئېچىلغانلىقى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئۆزلىرى ئاپىرىپ ئەكېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. غۇلجادىكى يەنە بىر ساقچى خادىمىمۇ توخۇچىيۈزدە 13 ياشلىق ئابدۇللا راخمانجاننىڭ جەسىتى تېپىلغاندىن كېيىن، بىختەرلىك تەدبىرلىرى سۈپىتىدە دوقمۇشتىكى ساقچى پونكىتلىرى (گاڭتىڭ) نىڭ بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىشكە مەسئۇل بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە غۇلجادا بالا يۈتۈش ۋەقەسىنىڭ يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەسلىكى، شۇڭا مەكتەپ باشلانغاندىن بۇيان ساقچىلارنىڭ ئوقوغۇغۇچىلارغا مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش جەريانىدا ھەمراھ بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچىلار ھازىرغا قەدەر بۇ ئادەم بېدىكلىرىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى، ئەمما ئۈندىداردىكى بىر ئۇچۇردا بىر ئايال كېچىدە ئۆز ئۆيىگە نامەلۇم بىر كىشىنىڭ ئوغرىلىقچە كىرگەنلىكى ۋە ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلغاندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ قېچىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ ئۇچۇردا ئۆيگە ئوغرىلىقچە كىرگەن كىشىنىڭ ئايالدىن «يولدىشىڭ نەدە؟» دەپ خىتاي تىلىدا گەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

يۇقىرىدا غۇلجادا ئاز دېگەندە بەش ئوقۇغۇچىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى، بۇلاردىن بىرىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى، قالغانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكى قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.