غۇلجادىكى غايىپ بالىلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، دائىرىلەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن غايىپ بالىلار ياكى ئادەم ئەتكەسچىلىرىنى ئىزدەشتىن بەكرەك بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقانلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارلاندى. دەلىللىنىشىچە، توخۇچىيۈزدە 13 ياشلىق ئابدۇللا راخمانجاننىڭ جەسىتى تېپىلغاندىن كېيىن، «تىك-توك» توپىدا مەخسۇس سۆز قىلىپ، ئاھالىلەرنى ھۇشيار بولۇشقا چاقىرغان نىجات ئىسىملىك ياش ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان
غۇلجادا يۈز بەرگەن بالا يۈتۈپ كېتىش ۋەقەلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بەزى ئاھالىلەر ساقچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يۈتۈپ كەتكەن بالا ياكى ئادەم ئەتكەسچىلىرىنى ئىزدەشتىن بەكرەك ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنى ئىزدەشكە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. بەزى ئاھالىلەر مانا مۇشۇ ئۇچۇر كونتروللىقىنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبىدىن بالىلىرى غايىب بولغان بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ساقچىلارغا بېرىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمىمۇ توخۇچىيۈزدە ئابدۇللا راخمانجان ئىسىملىك بالىنىڭ جەسىتى تېپىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئۇچۇرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. غۇلجا ناھىيەسىدىكى يەنە بىر ئامانلىق خادىمى بالا يۈتۈش ۋەقەسى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان بالىلاردىن ئۆز كەنتىدىن 4 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، بۇلاردىن بىرسى قويۇپ بېرىلىپ قالغان ئۈچىنىڭ تېخىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ساقچىلار ناھىيە بويىچە غايىب بالىلار ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان قانچىلىك كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى كەسكىن رەت قىلدى.
ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجا ناھىيەسىدىكى نىجات ئىسىملىك بىر بالىنىڭ مەزكۇر ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن ئېلان قىلغان بىر تۆۋىنامە باياناتى تارقالغان ئىدى. بىز بۇ ھەقتىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئالاقىدار بىر ساقچى خادىمى بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار تۇتقۇنلاردىن بىرى سۈپىتىدە نىجات ئىسىملىك بالىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ نىجاتنىڭ ئۆز باشقۇرۇشىدىكى يېزا تەۋەلىكىدىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ كىملىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، نىجات گەرچە بالا يۈتۈش ۋەقەسى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان ئەڭ دەسلەپكى ياكى بىردىن-بىر شەخس ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىشلىگەن ۋىدىيوسىدا بىرەر ئېغىر ھۆكۈمەتكە قارشى گەپ قوللانغانمۇ ئەمەس. پەرەز قىلىنىشىچە، ئۇ پەقەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قارىتا ھېسسىداشلىق تونىدا گەپ قىلغانلىقى، بولۇپمۇ ئاھالىلەرنى ھۇشيارلىققا چاقىرغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر بۇ ۋىدىيودىن بىئارام بولغان ۋەئۇنى تۆۋىنامە ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان.
ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەقەلەرگە دۇچ كەلگەندە، قولۇم-قوشنىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش، يۇرت-جامائەتنى ھەركەتكە چاقىرىش، ئۇيغۇر جامائەتچىلىك ئەخلاقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىندۇر. مەلۇم بولۇشىچە، نىجات ئىسىملىك ياش مانا مۇشۇنداق ئەقەللىي بىر مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغان. ئەمما ئۇنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى قانداق بىر جازانىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.