ماگنۇس فىسكەسيۆ: «ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يىغىۋېلىنىشى زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا چېتىلىشى مۇمكىن»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.08.02
bala-assimilyatsiye-xitaylashturush-uyghur.jpg خىتايدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى
Photo: RFA

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىنىپ، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىشى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىردەك ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. بىز بۇ ھەقتە ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوتسېنتى ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدۇق. سۆھبىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر بالىلىرىنىمۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئۇ ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ كۆلەم ۋە سان جەھەتتىن ئالغاندا دۇنيا تارىخىدا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇنداقتا، مۇشۇنداق بىر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ بالىلارغا قانداق تەسىرى بولىدۇ؟ ئۇ سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىدا ئۇ، بۇ نۇقتا ھەققىدە توختىلىپ، بالىلارنى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن يۇلۇپ ئېلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە تەربىيەلەشنىڭ بالىلار ھەمدە ئاتا-ئانىلاردا قالدۇرىدىغان روھىي جاراھەتلىرىنىڭ بىر قانچە ئەۋلاد داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

 «بالىلارنى ئاتا-ئانىلاردىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە تەربىيەلەشنىڭ ھەم بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا تەسىرى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ روھىي زەربىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ زەربە ھەم بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاتا-ئانىلارنى قىينىسا، ھەم شۇ بالىنى قىينايدۇ. يىللار ئۆتكەنسېرى كىچىك بالىلارنىڭ ئېسىدىن ئاتا-ئانا ياكى بوۋا-مومىلىرى تەدرىجىي ھالدا كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، ئۇلار ھەققىدىكى خاتىرىلىرى سۇسلاپ مېڭىشى مۇمكىن. ئەمما روھىي زەربىنىڭ تەسىرى ئاسانلىقچە يوقىمايدۇ. بۇ ھەقتە شىمالىي ئامېرىكادىكى يەرلىك ئىندىئان بالىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدە 17-ئەسىردە ئىنگلىزلار تەرىپىدىن شىمالىي ئامېرىكادا قۇرۇلغان ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ تەربىيەلەنگەن بالىلارنىڭ روھىي زەربىدىن بىر ئۆمۈر قۇتۇلالمىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. يەنە كېلىپ، بۇ زەربە شۇ بىر ئەۋلاد بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ مىراس قالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەۋلادلارنى ئاشۇنداق روھىي زەخىملەنگەن كىشىلەر چوڭ قىلىدۇ، ئەمەسمۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كەلگەن بۇ زەربىنىڭ تەسىرىنى بىر قانچە ئەۋلاد ياشىشى مۇمكىن. »

ماگنۇس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، روھىي زەربىنىڭ ئېغىر بولۇشى ئۇيغۇرلار ئىتتىكلا يوقاپ كېتىشى مۇمكىن، دېگەندىن دېرەك بەرمەيدىكەن. ئەلۋەتتە بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش، ئۇنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش ئۇنداق ئاسان ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدە بەلگىلىك قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

 «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە ئون يىلدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرچە، تىبەتچە سۆزلىيەلمەيدىغان ۋە پەقەتلا خىتاي تىلى سۆزلەيدىغان، ئۇلارغا مۇتلەق بويسۇنىدىغان كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقارماقچى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتلىرىنىڭ دەسلەپكى 10 يىلىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئۇلار قىسمەن نەتىجىگە ئېرىشتى. ئەمما ئەلۋەتتە بىر مىللەتنى يوقىتىۋېتىش ئۇنداق ئاسان بولمىغىنىدەك، ۋەزىيەتلەردە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇ ھالدا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەكرار ئۆز-ئۆزىنى داۋالاپ، ئۆزىنى باشتىن يارىتىپ چىقىرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىراق، بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەر ياراتقان روھىي جاراھەتلەر، بوشلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى، ئۆزىنى يېڭىلىشىنى ئاسانلاشتۇرمايدىغانلىقى ئېنىق. »

ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندى بىلەن سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۇ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىنىشى ھەققىدە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇچراۋاتقان بۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ يالغۇز بۇ بالىلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش جۈملىدىن ئۇيغۇرلۇقنى يوقىتىش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى، مەسىلىنىڭ يەنە زېمىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىپ تەربىيەلەشنى بۇ بالىلارنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلدى. بۇ بالىلار خىتايچە ئۆگەنسە كەلگۈسىدە ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا، ياخشى خىزمەتكە ۋە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ، دېدى ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى تىلغا ئالمىدى. مەنچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تەبىئىتىدىن قارىغاندا بۇ ھېكايىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن. 17-ئەسىردە ئىندىئان بالىلىرىنىڭ ئىنگلىزلار تەرىپىدىن ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىنىشى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات دوكلاتلىرىدا بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ئىندىئانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى مەلۇم بولغان. چۈنكى ئۇ زېمىننى سۈرۈشتۈرىدىغان، داۋاسىنى قىلىدىغان ئادەم بولمايدۇ، ئەمەسمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قاراتقان سىياسىتى گۇمان قوزغىماي قالمايدۇ. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بۇنچە زور كۆلەمدە يىغىۋېلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئارىسىدا زادى قانداق بىر باغلىنىش بار؟ مەنچە بۇ نۇقتىنى بىز تېخى تولۇق كۆرۈپ يېتەلمىدۇق. بەلكىم ئۇ پىلاننىڭ ئەڭ چوڭ قىسمى بولۇشى مۇمكىن. »

ماگنۇس ئەپەندى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇچراۋاتقان بۇ زور كۆلەملىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە دائىر تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى» ۋە «بالىلار ھوقۇقى خىتابنامىسى» دىكى ماددىلارنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا قويۇۋاتقان ئېغىر چەكلىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئارقىلىق چوقۇم بۇ مەسىلىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئورگانلارغا يەتكۈزۈپ دىققەت قوزغاش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.