خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.08.16
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قارا قولىدىن ئەندىشە قىلماقتا
Yettesu

«كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى» (Safeguard Defenders) تەرىپىدىن 10-ئاۋغۇست كۈنى «تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار» (Targeted in Turkey: China’s Transnational Repression Against Uyghurs)سەرلەۋھىلىك دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى يەرلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى، چەتئەلدىكى دىپلوماتىك خادىملىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇچۇر توپلىغۇچىلار قاتناشقان دۆلەت ھالقىغان تورلىرىنى قانداق قىلىپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىشقا قوللانغانلىقى، خىتاينىڭ تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە جاسۇسلۇق قىلىشقا قانداق بېسىم قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ساقچىلىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «تورلىرى» ئارقىلىق توپلانغان ئاخباراتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇققا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلىشقا ياكى خىتاي كومپارتىيەسىنى ماختايدىغان تەشۋىقاتلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىغان. دوكلاتتا بېرىلگەن مىساللارغا قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا قالغان ئائىلە ئەزالىرىنى كوزىر قىلىش ئارقىلىق ئوچۇق ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا تەھدىت سالغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىسى يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دوكلات ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئائىلىسى ئارقىلىق ساراسىمىگە سېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىلىرىنى بايان قىلدى.

«كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى» ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدا بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ پەقەت تۈركىيە بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ ئەكىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كۆچۈشىنى تەۋسىيە قىلغان.

«كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى» نىڭ پائالىيەت ئىشلىرى دىرېكتورى لاۋرا خارت بۇ دوكلات ھەققىدە رادىيومىزنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «دوكلاتتا تەكىتلەنگەندەك، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى تۈركىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. ‹كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش تەشكىلاتى› خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقىغا قارشى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەشەببۇس قىلىدۇ».

يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى ئۆزى بايقىغان ئەڭ ئېغىر ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئۆزلىرىنى قوغدىيالمايۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىدىن قوغدىيالمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى (NBC) مەزكۇر دوكلات ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، خەۋىرىدە تۈركيەدىن ماراكەشكە بارغان ئىدرىس ھەسەن ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ ماراكەش دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى تەرىپىدىن 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ماراكەشنىڭ كاسابلانكا ئايرودۇرۇمىدا قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، شۇ يەردىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ماراكەشتىن ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 تىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىدرىس ھەسەنگە ئوخشاش ئۆزلىرىنى تۈركىيەدە بىخەتەر ھېس قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشكە تېرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە بېرىشىمۇ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.

يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى تۈركىيەدە تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ۋە تۈركىيەدە تۇتۇلۇپ خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ئەنسىرەپ ساراسىمىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خېلى بارلىقىنى، لېكىن دوكلاتنىڭ يۆنىلىشى بويىچە بۇ مەسىلە ھەققىدە توختالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئاخىردا ئۇيغۇرلار پاناھلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىدىن قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.