20- ۋە 21-ئاۋغۇست كۈنلىرى گېرمانىيەدىكى «قىزىق لىنىيە» ناملىق ئۇچۇر تورىدا «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار-تېرورلۇققا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟» ناملىق ئىككى قىسىملىق زور ھەجىملىك بىر ماقالە ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. ماقالىنى تورلاردىن سۈرىتىنى تاپقىلى بولمايدىغان، كىملىكى ئېنىق بولمىغان ئۇۋې كېركوۋ ئىسىملىك بىرى يازغان بولۇپ، خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆپلىگەن مەنبەلەرنى كۆرسىتىپ يېزىپ چىقىلغان مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاشقا مەركەزلەشكەن.
ئۇۋې كېركوۋ ماقالىسىدە ئالدى بىلەن 2019-يىلى خەلقارا تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى (ICIJ) تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان جازا لاگېرلىرىغا دائىر 6 ھۆججەتنىڭ ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن 2022-يىلى ئاخىرىقى قېتىم كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى (VOC) تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭمۇ گۇمان قوزغايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ھەر ئىككى ئورۇننىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED)نىڭ مەبلىغىغا تايىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇلارنى بىتەرەپ دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇۋې كېركوۋ ئىككىنچى قەدەمدە 2017-يىلىغىچە بولغان ئاخىرىقى 15 يىلدا «شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرى» دىن 11 نى مىسالغا ئالىدۇ. مەسىلەن، ئۇ سۆزىنى «خىتاينىڭ ئاخبارات قانىلى شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2008-يىلى 3-ئايدا 19 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ شىنجاڭنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى پارتلاتماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى» دېگەندىن باشلاپ، «2017-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ ساقچىلىرى ئىلگىرى 8 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 10 ئادەمنىڭ يارىلاندۇرغان پىچاقلىق ھۇجۇمچىلاردىن 3 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن» دېگەن يەرگىچە ئەكىلىدۇ.

ئۈچىنچى قەدەمدە يوقۇرىقى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ بەزىسىگە ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل بولغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى، غەربتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى قوللاپ كەلگەنلىكى ئىپادە قىلىنىپ: «ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى غەربتە، بولۇپمۇ گېرمانىيەدە ئىزچىل قوللاشقا ئېرىشمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزى ميۇنخېن شەھرىدە. بۇ تەشكىلاتنىڭ لوندۇن ۋە بېرلىندا تارماق ئورگانلىرى بار. بۇلار كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق نى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن» دەپ بايان قىلىنىدۇ.
ئەلۋەتتە، كىملىكى ئېنىق بولمىغان ئۇۋې كېركوۋنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلاپ ماقالە يېزىشى ھەيران قالارلىق تېما ئەمەس، شۇنداقلا خىتاينىڭ چەت ئەللىك قەلەمكەشلەرنى ياللاپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنىشى ھەم يېڭىلىقمۇ ئەمەس. دىققەتنى تارتىدىغىنى، ئۇۋې كېركوۋنىڭ 70 پىرسەنت ئامېرىكالىقنىڭ ھازىر خىتايغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ تەسىرىدە ئەسلىدە خىتاينى «ئىقتىسادىي ھەمراھ» دەپ قارايدىغان گېرمانىيەدە بولسا خىتايغا قارشى نىسبەتنىڭ بۇ يىل بىردىنلا 58 پىرسەنتكە ئۆرلىگەنلىكى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن بىۋاستە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ۋە بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىشىدۇر.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە چەت ئەللەردىكى ياللانما كۈچلەرنىڭ قەلىمىگە تايىنىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئىجابىي ئۈنۈم يارىتالمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ۋەزىيەت ئانالىزچىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇۋې كېركوۋ «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار-تېرورلۇققا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟» ناملىق ئىككى قىسىملىق ماقالىسىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلالمىغان. ئەمما ئۇ بېيجىڭنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «تېرورچىلارنى ئېتىپ تاشلايدىغان ئىش گېرمانىيەدىمۇ بار»، «سوئال-سوراقسىز لاگېرلارغا قاماپ قويىدىغان ئىش ئامېرىكادىمۇ بار. مەسىلەن، گۇئەنتانامو» دېيىش ئارقىلىق خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىگە چاپان يېپىشقا ئۇرۇنغان.
ئۇۋې كېركوۋ ماقالىسىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كوممىسسارى مىشېل باچېلېت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا 10 كۈن ۋاقىت قالغان، ب د ت نىڭ باستۇرۇپ قويۇلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىشىدىن خىتاي قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر چاغدا مىشېل باچېلېتنى چىشلەپ تارتىدۇ. ئۇ مىشېل باچېلېت توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ: «باچېلېت شىنجاڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا قورقۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇ مەزكۇر زىيارىتىنىڭ رايوننى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ بۇ قېتىملىق سەپىرى ھەققىدە ئاخىرىقى دوكلاتنى بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.»