ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 18 ۋە 27-ئۆكتەبىر ئارىلىقىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە 7-نۆۋەتلىك ھەربىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىلەر بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەرمۇ قاتناشتى.
مەزكۇر ھەربىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىلەر 1948-يىلى خەلقئارا ھەربىي تەنھەرىكەت كېڭىشى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقىلەر ئۆتمەكتىكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قازاقىستاننىڭ بوكس كوماندىسىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، 7 مېدال، شۇ جۈملىدىن 2 ئالتۇن، 2 كۈمۈش ۋە 3 مىس مېدال يېڭىۋېلىپ، ئومۇمىي ھېسابتا قازاقىستان كوماندىسى 12-ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن. ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستانلىق بوكسچىلار قاتارىدا ئۇيغۇر يىگىتى دىلمۇرات مىجىتوف 64 كىلوگرام سالماقتا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.
بىر قاتار شەھەرلىك، جۇمھۇرىيەتلىك، خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ غالىبى دىلمۇرات مىجىتوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچى قېتىم 2017-يىلى ‹ئاستانا ئارلانس› كۇلۇبى چېمپىيون بۆلۈم. ئاخىرقى يەكمۇ-يەكتە كۇبالىقلارنى يېڭىۋالدۇق. شۇ ۋاقىتتا مەن بىرىنچى قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولدۇم. ئەمدى بۇ قېتىمدا مۇسابىقىگە بوكس بويىچە 50 مىللەت قاتناشتى. مەن بىرىنچى يەكمۇ-يەكتە ئۆزبېكىستانلىق، ئىككىنچىسىدە ۋېنېزۇئېلا، كېيىنكىسىدە ئەزەربەيجان، ئاندىن ئالجىرىيەلىكنى يېڭىۋالدىم. ئاخىرقىسىدا بېلورۇس بوكسچىسىدىن يېڭىلىپ قالدىم.»
دىلمۇرات مىجىتوف 1995-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چونجا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. كېيىن ئائىلىسى بىلەن ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئاقبۇلاق مەھەللىسىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان. 2013-يىلى شەھەرنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنى، ئاندىن 2017-يىلى تەنھەرىكەت ئاكادېمىيەسىنى تاماملىغان. دىلمۇرات بوكس بىلەن 12 يېشىدىن تارتىپ بوكس بويىچە تەنھەرىكەت ماھىرى دولقۇن كامېكوفنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
دىلمۇرات مىجىتوف ۋەخەن شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن مۇسابىقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، خۇشال بولدۇم. ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى بولدى. بىر تەرەپتىن، ئۆزۈمنىڭ ئېتىنى، بىزنىڭ ئۇيغۇرىمىزنىڭ نامىنى دۇنياغا تونۇتتۇم دەپ ئويلايمەن. كېلەچەكتە ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قاتنىشىش مەقسىتىم بار. ترېنېرىم دولقۇن كامېكوفقا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن بوكسچىلاردىن بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ داڭقىنى كۆتۈرگەن مەرھۇم ئابدۇرېشىت ئابدراخمانوفنى ئۈلگە تۇتىمەن. مۇشۇ كىشى ئوخشاش بولغۇم كېلىدۇ.»
بىز دىلمۇرات مىجىتوفنىڭ ترېنېرى دولقۇن كامېكوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «دىلمۇرات مىجىتوف 15 يىل بۇرۇن مەشىقلىنىشكە كەلگەن. بۇ يىلى ئۇ قازاقىستان بويىچە ئۆتكەن مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى. ئەمدى مانا ۋۇخەندا ئىككىنچى ئورۇن ئېلىپ كەلدى. كېلەچەكتە مۇشۇ دېكابىر ئېيىدا قارىغاندا شەھىرىدە ئولىمپىك ئويۇنىغا قاتنىشىشقا يوللانما ئېلىش ئۈچۈن مۇسابىقە بولىدۇ. دىلمۇراتتىن باشقا يەنە روزىيېف نائىل، توختاسۇن رەسۇل ئوخشاش ياش بوكسچىلىرىمىز چىقىۋاتىدۇ. بۇلتۇر دىلمۇراتقا خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى دېگەن ئاتاق بېرىلدى.»
دولقۇن كامېكوفنىڭ بوكس كۇلۇبى 2008-يىلدىن ئىشلەۋاتقان بولۇپ، كۆپلىگەن بوكس ماھىرلىرىنى تەييارلاپ چىققان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭدا 40 قا يېقىن ياش بوكسچى مەشىقلىنىۋاتماقتا. دولقۇن كامېكوف بۇنىڭدىن تاشقىرى تەنھەرىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپتە چوڭ ترېنېر ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرماقتىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ياش بوكسچىلار ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خىراجەت بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. بەزى ۋاقىتلاردا دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھامىيلارمۇ جەلپ قىلىنىدىكەن.
ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىدىن داڭلىق بوكسچىلارنىڭ يېتىلىپ چىققانلىقى مەلۇم. شۇلارنىڭ بىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىككى مەرتەم چېمپىيون ئاتالغان، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئافرىقادا ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ غالىبى، داڭلىق بوكسچى ۋە تونۇلغان كىنو ئارتىسى ئابدۇرېشىت ئابدراخمانوفتۇر. ئۇنىڭ ئىسمى ھازىر پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياغا تونۇلغان. ئۇ خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى دېگەن ئاتاققا ئىگە بولغان تۇنجى قازاقىستانلىقتۇر. ئابدۇرېشىت ئابدراخمانوف مۇشۇ يىلى ماي ئېيىدا 73 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ قاراساي ناھىيەسىدە ئابدۇرېشىت ئابدراخمانوف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بوكس بويىچە مۇسابىقە بولۇپ ئۆتتى. جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتناشقان مەرھۇمنىڭ سەپداشلىرى ۋە دوستلىرى ئابدۇرېشىت ئابدراخمانوفنىڭ قازاقىستان تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاننىڭ بوكس بويىچە خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى رەھىم سىدىقوف ئەپەندى مەزكۇر خاتىرە مۇراسىمى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۆزبېكىستاندىن، قىرغىزىستاندىن بولۇپ 160 بوكسچى كەلدى. كەلگەن مېھمانلار ئارىسىدا دەسلەپتە ئامېرىكاغا بىللە بارغان جاندوس كۇكۇموف بولدى. يەنە كۆپلىگەن ئاكادېمىكلار، پروفېسسورلار بولدى. ئالمۇتا ھاكىمىيىتىدىنمۇ كەلدى. ئۇلار چوڭ رەخمىتىنى ئېيتتى. ھازىر خەت يېزىپ قويدۇق. ئالمۇتادا كوچىغا ۋە مەكتەپكە نامىنى قويۇش توغرىلىق. 17 ئادەم ئىمزاسىنى قويدى. خەتنى پرېزىدېنت قاسىم-جومارت توقايېفقا يازدۇق.»
رەھىم سىدىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېشىت ئابدراخمانوف ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ داڭقىنى پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنياغا چىقارغان ئىكەن. ھازىر ئۇنىڭ ئىشىنى شاگىرتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشمەكتىكەن.
0:00 / 0:00