ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەيلى قېرىلىرى بولسۇن ياكى ياشلىرى بولسۇن نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە گەپ بولغاندا ئۇلارنىڭ بىردەك تەكىتلەيدىغىنى «ھازىر خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق قالمىدى» دېگەن سۆزلەر بولۇپ، ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەزگىلىدە بۇ سۆزنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان. ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە دوست بولۇپ ئۆتكەن خىتايلاردىن بىرى بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بۇ ھالنىڭ تېخىمۇ ئاشكارا بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دەررېن بايلېر بۇ جەرياندا ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم خىتاي ئەدىبلىرى ۋە سەنئەتكارلىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلغان بولۇپ، ئۇلار كۆپ قېتىم تاماق يېيىش ياكى چاي ئىچىش سەۋەبى بىلەن سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇپ قالغان. بۇ جەرياندا پاراڭ تېمىسى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلارغا يۆتكىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇرلارنى «خىتايچە ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما يەنە بەزىلەر «ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە مەپتۇن بولۇشى خىتايلارنىڭ ئامېرىكاغا مەستانە بولغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش» دەپ ئۇيغۇرلاردىكى تۈركىيە قىزغىنلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ چۈشەندۈرۈشىنى ئىنكار قىلغان. شۇنداقلا دەررېن بايلېردىن ئامېرىكادا بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنىڭ قانداق ھەل قىلىنغانلىقى ھەققىدە سوئاللار سورىغان. ئۇ بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكادىكى ئىندىيانلارنىڭ قىرىلىپ كېتىش ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ «ئامېرىكادىمۇ ئىرقىي مەسىلە مەۋجۇت» دېگەندە خىتاي زىيالىيلىرى «سىلەرنىڭ پرېزىدېنت (باراك ئوباما) بىر قارا تەنلىك ئادەمغۇ؟ شۇنداق بولغانىكەن ئامېرىكادا قانداقسىگە ئىرقىي مەسىلە بار بولسۇن؟» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن گەپ ئامېرىكانىڭ قانۇن سىستېمىسىغا ئۇلىشىپ، خەلق ھۆكۈمەتتىن نارازى بولسا نامايىش ئارقىلىق ئۆز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. خىتايلار بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈشكىنىچە «بىز ھۆكۈمەتكە قويىدىغان بۇنداق تەلەپلەرنى مۇشۇ ئۆيدىلا دېيەلەيمىز. قارىغاندا بىز ھەممىمىز تۈرمىدە ئىكەنمىزدە» دەيدۇ. ئەمما بۇ خىتايلارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا بېرىشقا تېگىشلىك دەپ قارايدىغانلار ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ.
«مەن ئاشۇ جايدىكى ۋاقىتلىرىمدا يەنى 2018-يىلى بىر قىسىم خىتايلارنى زىيارەت قىلغانىدىم. بۇ خىتايلار ئاساسەن ‹قايتا تەربىيەلەش› سىستېمىسىدا ئىشلەۋاتقانلار ئىدى. بۇلار شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇپ ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەنىكەن. بۇلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆيلەردىكى كىشىلەردە ئەسەبىيلىك ئالامەتلىرى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ مەلۇم قىلىشقا مەسئۇل ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنى مۇشۇ سىستېمىغا مەسئۇل شىركەتلەر ياللىۋالغان بولۇپ، ئۆزلىرىنى ‹پىدائىيلار› دەپ ئاتايدىكەن. قارىسام بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاش ياشىغانلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تامىقىنى كۈندىلىك غىزا ئورنىدا يەيدىغانلار ھەمدە ئۆزلىرىنى ‹بىز شىنجاڭلىق› دەيدىغانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنىدىكەن. ئەمما يەنە خېلى زور ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇرلارنى ‹قالاقلىقنى تاشلىمايدىغانلار› دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن ئادەتلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىكەن. شۇڭا ئۇلار بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا «بۇ خەقنى، بولۇپمۇ ئاشۇ قالاق ئۇيغۇرلارنى راۋۇرۇس تەربىيەلەپ ‹مەن دېگەن جۇڭگولۇق› دەيدىغان قىلىش لازىم» دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىمۇ خىتاينىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى مياۋ، يى قاتارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش قىلىۋېتىش لازىم ئىكەن.»
دەررېن بايلېر دىققەت قىلغان يەنە بىر نۇقتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتايلار ئارىسىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك» كۈرەش ئىكەنلىكى كۆپ تەكرارلىنىدىغان تەشۋىقاتلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان لۇ يىن ئىسىملىك خىتاي بىڭتۇەندىكى تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغاندا ئۇنىڭ تۇغقانلىرى «بۇ ئۇيغۇر دېگەن شۇنداق ئوسال خەق. ئۇلار ئامېرىكادىكى قارا تەنلىكلەردىنمۇ ئۆتە ئوسال. شۇڭا ھۆكۈمىتىمىز ئۇلارنى قايتا تەربىيىلەپ چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى لاگېرغا قاماش لازىملىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق خانىۋەيرانچىلىققا سالغانلىقىغا ئەمەس، ئەكسىچە لاگېر باشلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ پۇل تېپىش يوللىرىنىڭ ئېتىلىپ قالغانلىقىغا بولغان ئاچچىقىنى ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشتىن ئالماقچى بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«بۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى خىتاي دۆلىتى بۇ جايدىكى خىتايلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلاردىن بەكمۇ پەخىرلىنىدۇ. ئۇلار بۇنى ھۆكۈمەت بىزنىڭ غېمىمىزنى يەۋاتىدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي دۆلىتىنىڭ ھازىر نەقەدەر يۇقىرى سەۋىيىدىكى دۇنياۋى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بۇ جايدا ئىشلىتىۋاتقانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ. مەن زىيارەت قىلغان خىتايلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار مەھەللىسىگە ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا بېرىشتىن قورقىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى بوزەك قىلىشىدىن قىلچىمۇ غەم قىلماي خالىغان جايغا ئەركىن بارالايدىغان بولغانلىقىنى، ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزىنى بەك ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇ چاغدا ئۇنىڭ گەپ قىلغاندىكى تۇرقىدىن ئىستىلاچىلاردا بولىدىغان ھەمدە بۇ جايدىكى خىتايلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل تەمەننا تۇيغۇسىنى بايقىغان ئىدىم. ئۇيغۇرلار بولسا دەرۋەقە يۈرەكلىرى بەكلا مۇجۇۋېتىلگەن بولغاچقا ئەس-ھوشىنى يوقاتقان بىر ھالەت ئۇلارغا ئورتاق پسىخىكا بولۇپ قالغان. مەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق، دېسەكمۇ بولىدۇ.»
لۇ يىن ئىسىملىك خىتاينىڭ تۇغقانلىرى ئۇ بىڭتۇەندە تۇرغان مەزگىلدە ئەڭ كۆپ تەكرارلىغان سۆز ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ئوسال خەلق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ نە ياخشىلىقنى، نە تەرەققىياتنى بىلمەيدىغان تەبىئىتىنىڭ ھەرقاچان زوراۋانلىققا مايىل ئىكەنلىكى ھەققىدە بولغان. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا تاماق يېگەندە خىتايلار بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشتىنمۇ سەسكىنىدىغان ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزلىرىگە «تۇغقان» بولغان خىتايلار بىلەن بىر ئۆيدە يېتىپ-قوپۇش ۋە ئاش-تاماقتا ئايرىلماس «ھەمراھ» لاردىن بولۇپ قالغان، ئاغزىدىن ئىتتىپاقلىق ھەققىدىكى خىتايچە شوئارلار چۈشمەيدىغان ھالغا يەتكەن بولسىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەرگە قىلچىمۇ ئىچ ئاغرىتىش كەيپىياتى شەكىللەنمىگەن. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنى قوللىشى بارغانسېرى ئېشىپ ماڭغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بەكمۇ قاتتىق كونترول قىلىدىغان بولغاچقا مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمەيدۇ. خەۋەر بېرىش توغرا كەلسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى، ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى› ئېچىپ ئۇيغۇرلارغا ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىدۇ. شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان خىتايلار بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا ‹ھۆكۈمەت يەنە ئۇيغۇرلارغا ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ› دەيدۇ ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرى تاپشۇرغان باج ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ‹مەنپەئەت يەتكۈزۈشى›دىن قاتتىق نارازى بولۇپ غۇدۇڭشىيدۇ. يەنە بىر ياقتىن شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارنى ‹تېررورچىلار، خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن بەك چوڭ تەھدىت بولىدىغان خەق› دەپ قارايدۇ. شۇڭا خىتاي دۆلىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى ‹ھەقلىق ۋە زۆرۈر بولغان چارىلار. بۇ خۇددى ئامېرىكانىڭ ئىراق ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستاندىكى تېررورچىلارغا قارشى تۇرغىنىغا ئوخشاش بىر ۋەقە› دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ چاك-چېكىدىن قانداق بۆسۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئائىلىلەرنىڭ قانداق سورۇقچىلىقلارغا گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقى بىزنىڭ دىققىتىمىزدىن چەتتە قېلىۋاتىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پۈتۈنلەي باشقا يۆنۈلۈشكە قاراپ ماڭماقتىكەن. بەزىلەر بۇ ھالغا قاراپ خىتاي ئانالىزچى ۋاڭ لىشيوڭنىڭ «ئەھۋال مۇشۇنداق داۋام قىلسا بۇ جاي ئىككىنچى پەلەستىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن ھۆكۈمىنى مەلۇم ئاساسقا ئىگە ئىكەن، دېيىشكە مايىل بولماقتىكەن.
0:00 / 0:00